ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «Universal Christian Care Mission» ئورگىنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، Zoom نى ئىشلەتكەن ئابونىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت سىن يۇمشاق دېتال شىركىتىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ئاشكارلانغان بولۇپ ، ئۇ بېيجىڭنىڭ خىتايدىكى دىنلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان قورالىغا ئايلانغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4- ئاينىڭ 12- كۈنى پاسخا بايرىمىدىن بۇرۇن چىڭدۇدىكى بىر چىركاۋنىڭ بىر قانچە ئەزاسى Zoom دېتالى ئارقىلىق دۇئا- تىلاۋەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيلىرىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋە بۇ چېركاۋغا مۇناسىۋەتلىك كىشلەر دائىرىلەر تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان. بۇ چېركاۋ ئەزاسىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئېيتىشىچە، ۋاڭ جۈن، گو خەيگاڭ ، ۋۇ ۋۇچىڭ ، جيا شۆۋېي ، جاڭ جيەنچىڭ ۋە جاڭ شۇدۇڭ قاتارلىق چېركاۋدىكى پېشقەدەملەرنىڭ ھەممىسىسى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر قاتار بىخەتەرلىككە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ Zoom ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ، ئامېرىكىدىكى بىر قانچە مەكتەپ ۋە ئورگانلار بۇ سىستېمىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
مەنبە:rfi