مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر ئۈرۈمچىدە مەدەنىيەت بازارلىرىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان. ئۈرۈمچىدە كوچا چارلايدىغان ساقچىلار كۆپەيتىلگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.02.22
Urumqi-kochisi-Charlash-305.jpg2009 – ﻳﯩﻠﻰ 15 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا ئېلىنغان بۇ خىل تەدبىرلەر ئەرەب دۇنياسىدا قوزغالغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا پەيدا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ DVD پلاستىنكىسى 10-فېۋرال ئەتراپىدا ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بايقالغان. ھالبۇكى لېنتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۈن-سىن دۇكانلىرىدا، كوچا يايمىلىرىدا ۋە ياكى شەخسلەرنىڭ قولدا بايقالغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ دائىرىلەرنى جىددىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىغا قارايدىغان مەھەللىلەردە، بولۇپمۇ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇش باشلانغان.

دائىرىلەر نۆۋەتتە يەنە ئۈرۈمچىدە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش نامىدا مەدەنىيەت بازارلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق كوچا باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى بىر خادىم دەلىللىگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەكشۈرۈشنى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلار بىز بىلەن بىرگە چىقىپ تەكشۈرمىدى. شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتى بىرلىكتە تەكشۈردى. ئۇلار بىزگە قاراشلىق ئورگانلار بولسىمۇ، بىزگە بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمىدى. بەلكىم بۇ قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى بولسا كېرەك.

مەزكۇر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، تەكشۈرۈشكە مەھەللە باشقۇرۇش ئىشخانىسى خادىم چىقارمىغان بولغاچقا، نېمىلەرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ۋە ياكى قانداق بۇيۇملارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ھازىرچە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم پلاستىنكىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە بايقالغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللىيەلمىدۇق.

ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تەڭرىتاغ رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشنىڭ «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ ئۈرۈمچىدە بايقىلىشى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دىلشات رىشىتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى تەشۋىقات بۇيۇملىرى بايقالغان. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىن نەشر بۇيۇملىرىنى ئۈرۈمچىگە ھاۋالىلىك توشۇش ئىشلىرى قىيىنلاشتۇرۇلغان.

رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالغان قەشقەر شەھىرى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر خادىم قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە نەشر بۇيۇملىرىنى ھاۋالىلىك توشۇشتا يۈكلەرنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاپتوموبىلغا ئېلىپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ توغرىسىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: بۇ ھەقتە ھۆججەت ۋە بەلگىلىمە بار. دىنىي مەزمۇندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا ئالغان تەدبىرلەر خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىققان ھەمدە ئەرەب دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۆكۈمەت قارشى نامايىشلار بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

دىلشات رىشىت بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللاش مۇلازىمىتىمۇ بىر مەزگىل توختىتىلغان.

رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر خىل جىددىيلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ، كوچا چارلايدىغان ساقچىلار كۆپەيتىلگەن.

ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر شەھەر ئاھالىسى يەكشەنبە كۈنى، ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە چارلاشنى باشلىغانلىقى، كەيپىياتنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى، ئەمما سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى 2009-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئەڭ قاتتىق باستۇرۇلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى.

2009-يىلى 5-ئىيۇل مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

نامايىش قانلىق باستۇرۇلغان بولۇپ، ۋەقە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان. خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدا ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا دۆڭگىگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۇنياسىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق نامايىشلىرىغا ئوخشاش نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ۋە شۇ باھانىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.