新疆哈密市一處教育轉化營外景

زىمىستان تورىنىڭ 25- ئاپرىلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش جازا لاگىرلىرىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن باشقا يەنە خرىستىيان دىنى ۋە باشقا دىنلارغا ئېتقاد قىلىدىغان كىشلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار « زىمىستان » تورى مۇخبىرلىرىغا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر خۇيزۇ مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ دائىم خەيىر ساخاۋەت قىلىپ قىيىنچىلىقتا  قالغانلارغا ياردەم بىرىدىغان  ياردەمسۆيەر كىشى بولۇپ، تەبلىغ قىلىش گۇمانى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگىرغا قامالغان ۋە ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئون نەچچە مەھبۇس 20 كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك بىر كامىرغا سولانغان بولۇپ، مۇنچىسىمۇ مۇشۇ كىچىك كامىردا ئىكەن ۋە دائىم سېسىق پۇراقچىلىق ئىچىدە ياشايدىكەن. لاگىردىكىلەر دائىم تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. تۈرمە ساقچىسى ئەگەر بىرسىگە جازا بەرمەكچى بولسا، بىرسى ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا تاماق يېيىشكە زورلايدىكەن ، ئەگەر بويسۇنمىسا ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرايدىكەن،  تامغا قاراپ ئون سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ھەركۈنى كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىدىغان بولۇپ،  دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى يادقا ئېلىشى ، شەخسىي پىكىر دوكلاتىنى يېزىشى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىشى كېرەك ئىكەن ، بۇ پائالىيەتلەر كۈندە ئون سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا تۈگىمەس مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇلاردىن دائىم خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىنى سۆيۈشنى ۋە دائىم ئۇلاردىن « مەن پارتىيىنى سۆيىمەن » دەپ توۋلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئۇ يەنە  ساقچىلارنىڭ ھەر بىركامىرغا كۆز قۇلاق قويۇپ، مەھبۇسلارنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئۇلار شىكايەت قىلىپ ھەرقانداق بىر قارشى پىكىردە بولسا، كۆزقۇلاقلارنىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىدىغانلىقى ۋە شىكايەت قىلغۇچىنىڭ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بەزى كىشلەرنىڭ قىيىن قىستاق سەۋەبىدىن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، جازا لاگىرىدا بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ قىيىن – قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ سەۋەپسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە جازا لاگىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن نۇرغۇن مەھبۇسلارنىڭ جازا لاگىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم مەخپىي كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقى، ئەگەر جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىسا،  جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى دېگەن.

شىخەنزە شەھىرىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان بىر خىرىستىيان ئېتقادچىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇ  لاگىرغا ئېلىپ كېتىلىپ ، مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېغىر قىيىن- قىستاقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھۇشسىزلىنىپ يىقىلىپ قالغانلىقىنى، نازارەتچىلەرنىڭ سۇغا چىلىغان ساپما كەش بىلەن يۈزىگە ئۇرغانلىقىنى ۋە ھەرقېتىم يۈزىگە ئۇرغاندا ئۇنىڭدىن خۇداغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقىنى سوراپ،  دىنىي ئېتقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقان.

كورلا شەھىرىگە جايلاشقان بىر چىركاۋدىكى يەنە بىر خىرىستىيان كىشىمۇ ئوخشاش كەچۈرمىشنى بايان قىلىپ،  ئۆزىدىن باشقا يەنە 7 نەپەر خرىستىياننىڭمۇ جازا لاگىرىغا قامالغانلىقىنى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بەش ئاي تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ئۇ يەنە خىرىتىيان دىنىدىن باشقا دىنغا ئېتقاد قىلغۇچىلارنىڭمۇ لاگىرغا قامالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ساقاللىرىنى ئالدۇرۇشنى ، بەزىلىرىنىڭ كۇمپارتىيەنى مەدھىيلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تاياق يېگەنلىكىنى، بىر-بىرسىنى كېشەن بىلەن  چېتىپ باغلىۋەتكەنلىكىنى ۋە كېشەننىڭ ئوتتۇرىسىغا بەش كىلوگراملىق ئېغىر بولقىلارنى قويۇپ قويىدىغانلىقىنى دېگەن.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، لاگىرلاردا بىنورمال ئۆلۈم دائىم يۈز بېرىدىكەن ، جازا لاگېرىدىكى خىزمەتچىلەر ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خەۋەر قىلمايلا جەسەتلەرنى مەخپىي بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار يەنە بىر كىشىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە،  قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى 30 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئەر 2016-يىلى 7-ئايدا جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىپ ، بىر يېرىم يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قازا قىلغان. يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن، ھەتتا ئائىلىسىگە خەۋەر قىلىپمۇ قويمىغان. كېيىن ، ئانىسى باشقا مەنبەلەردىن ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى بىلگەندىن كېيىن ، ھەركۈنى يىغلاپ ئازاب ئىچىدە ئۈن- تىنسىز قازا قىلغان.

 

مەنبە: زېمىستان تورى