2011.02.02

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ۋە فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئوبۇل قاسىم قاتارلىق كىشىلەر 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسىنكى شەھىرىدىكى فىنلاندىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئارقىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى باشقارمىسى مەسئۇلى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىنلاندىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان. رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ فىنلاندىيە زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئوبۇل قاسىم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.