2010.12.13

پادىشاھ زىياپىتى ھەر يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلغان كۈنى كەچتە پادىشاھ ئوردىسىدا پادىشاھ بىلەن خانىشنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك زىياپەت بولۇپ، زىياپەتكە نورۋېگىيىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە خانىملىرى، سىياسىي، سودا، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار ۋە نوبېل مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن مەخسۇس مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، 11-دېكابىر كۈنى كەچتە پايتەخت ئوسلودىكى دۆلەتلىك كونسېرت زالىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ليۇ شاۋبونىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بەردى.
رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى 12- دېكابىر كۈنى نورۋېگىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.