خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش» نامىدا ھەرقايسى يۇرتلاردا ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى ناھىيە بازىرىغا يېقىن جايغا كوللېكتىپ ھالدا توپلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا پامىر ئىگىزلىكىدىكى كۆچمەن ئاھالىلەرنى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈلۈپ بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان 21-ئاپرېلدىكى سىن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم چارۋىچىلار ناھىيە بازىرىغا ئون كىلومېتىر كېلىدىغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈرۈلگەن. پۈتكۈل ئولتۇراق رايونى قاتار كەتكەن بىنالاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئىلگىرىكى تارقاق ماكانلاشقان چارۋىچىلار ئەمدى بىرلا ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدا بۇ ئەھۋال «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باياشات تۇرمۇشقا يېتەكلەش» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توپلاپ كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى،» دەپ قارىماقتا.
1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارېن يېزىسىدا شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى پارتلىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا بۇ قوزغىلاڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زور ساندا ھەربىي كۈچنى ئىشقا سېلىشى بىلەن باستۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.