نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقان بۇ كىشىلەرنى لاگېرلارغا ئەكىرگەندىن كېيىن ئۇلارغا خىتاي تىلى ۋە سىياسىي قانۇن تەربىيەسى بېرىپلا قالماي، ئۇلارنى يەنە تەسىرات سۆزلەتكۈزۈش ۋە ئۆزىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا قىستىغان.

نەتىجىدە لاگېردا ئاتالمىش «جىنايىتى» بايقالغانلار كۈنسېرى كۆپەيگەن ۋە قاماقخانىلارغا يۆتكەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇلارنىڭ ئۈستىدىن جازا ھۆكۈملىرى چىقىرىلغان ۋە تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ قاماقخانىدىكى مەزگىلدە لاگېردا ئاتالمىش «جىنايىتى» پاش بولغاندىن كېيىن قاماقخانىغا يۆتكەلگەن كىشىلەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك شاھىت بولغان.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاتاقلىق ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىم، سەنئەتكار رەشىدە داۋۇت، كارخانىچى ئابدۇجېلىل ھاجىملار دەسلەپتە «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەندىن كېيىن كېسىۋېتىلگەن.

قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى باقىت ئالىنىڭ پاش قىلىشىچە، بەزى لاگېرلاردا ساقچىلار سوراق قىلىشقىمۇ ۋاقىت سەرپ قىلماستىن تۇتقۇنلارغا جىنايەت تىزىملىكىنى تارقىتىپ، بۇ تىزىملىككە ئىمزا قويۇشنىلا بۇيرۇغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، چاپچالدىكى ئۆزى تۇرغان لاگېردىكىلەرگە «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» دېگەن قوللانما تارقىتىلىپ، تۇتقۇنلاردىن بۇلارنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچىگە ئىمزا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئارقىدىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە 5 يىلدىن 15 يىلغا قەدەر كېسىلگەنلىك جازا ھۆكۈملىرى قوللىرىغا تۇتقۇزۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن كېيىن كېسىلگەنلەرنىڭ مۇددىتى 3 يىل بىلەن مۇددەتسىز ئارىسىدا بولۇپ، كۆپىنچىسى 10 يىللىقتىنلا كېسىلگەن. يېڭىساردا باشقىلارغا ياغلىق ئارتىشنى تەۋسىيە قىلغان ھۆرىگۈل ناسىر بىلەن سابىق ئايالىغا ئۇزۇن كىيىنىشنى تەۋسىيە قىلغان ئابدۇسالام تۇرسۇن 10 يىللىقتىن كېسىلگەن.

ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا لاگېر تۇتقۇنلىرى جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمىلەردىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1‏-، 2، ‏ۋە 3‏-تۈرمىلەر، كۈنەس قارا بۇغار تۈرمىسى، شىخو تۈرمىسى، مارالبېشى تۈرمىسى، يەكەن پەيلۇ تۈرمىسى، غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ھايات تۈرمىسى ۋە بوز تۈرمە قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق تۈرمىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ھازىرغا قەدەر شائىر پەرھات تۇرسۇن، ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىق كۆپ ساندىكى ھەر ساھە سەركىلەرنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى تۈرمىلەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئاشكارىلىنىشىچە، يەكەن توم ئۆستەڭدە 2017-يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدىلا 150 ئائىلىلىك بىر كەنتتىن 50 چە كىشى لاگېرغا ئەكېتىلىپ، بۇنىڭ 13 نەپىرى كېسىۋېتىلگەن. 2018‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاراقاشنىڭ تۆۋەت يېزىسىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 3500 چە كىشىدىن 1734 كىشى، يەنى 50 پىرسەنتى كېسىۋېتىلگەن. 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا لاگېرغا ئەكېتىلگەن 3400 چە كىشىدىن 2514 كىشى، يەنى 70 پىرسەنتى كېسىۋېتىلگەن. پەقەت 806 كىشى لاگېردا قېپ قالغان.

كۆپىنچىسى ئائىلىسىدىن «15 كۈنلۈك ئۆگىنىش» كە دەپ ئەكېتىلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇر ۋە قاراشلار مەۋجۇت. نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرىكى سۇيىقەستلىك بىر پىلانىنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر ئىجرائاتىكەن. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى لاگېردىكى زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە بۇنىڭ لاگېردىكىلەردە قاتتىق غەزەپ-نەپرەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلغان. شۇڭا ئۇلارنى كېسىش ۋە تۈرمىلەرگە يۆتكەش يولىنى تۇتقان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ چۈشەندۈرۈشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، يەنى دۇنيانى قايىل قىلالمىغان. شۇڭا بۇ لاگېردىكىلەرنى «جىنايەتچى» لەر قاتارىدا كېسىش ۋە تۈرمىگە سولاش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتكە ھېساب بېرىشتىن قۇتۇلماقچى بولغان. بۇنىڭ بىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن زۇبەيرە خانىم خىتاي دائىرىلىنىڭ بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقىغا ھامان بىر كۈنى تارتىلىدىغانلىقى ۋە بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى