تۈركىيەدە ئائىلىسى بىلەن يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن خاتىپ سۇلتان ئەپەندىنىڭ 22-ئاپرېل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىدىن 14 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئالغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2015-يىلى 6-ئايدا تۈركىيەدىن يۇرتىغا بارغىنىدا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزگەن. كېيىن تۈركىيەدىن يۇرتىغا بېرىپ كېلىۋاتقان تونۇشلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانى بازىرىدا باققالچىلىق قىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ 2016-يىلى كۈز مەزگىلىدە ئالدى بىلەن قەشقەر يېڭىساردىكى يۇرتىغا مەجبۇرى قايتۇرۇلغانلىقىنى، 2017-يىلى يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ قەشقەر يېڭىساردىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بىلگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىككى يېرىم يىل قامالغاندىن كېيىن، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قالغان تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغان ئىكەن.
خاتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىل 4-ئايدا بىر تۇغقىنى بىلەن ئۈندىداردا سۆھبەتلىشىش جەريانىدا 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان لاگېردىن قويۇپ بېرىلمىگەن ئانا جەمەت تۇغقانلىرىدىن 5 ئائىلىدىن 14 كىشىگە لاگېر ئىچىدىلا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، تۆۋىنى 5 يىل يۇقىرىسى 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بىر نەۋرە تۇغقانلىرىدىن ئابدۇغوپۇر، ئابدۇل ئەزىز، خۇدابەردى، بۈۋىھەجەر، ئابدۇسوپۇر، ئابدۇرازاق، ئابدۇۋايىت قاتارلىقلارغا 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. نەۋرە ئاكىسى ئابدۇشۈكۈر 7 يىللىق، نەۋرە ھەدىسى بۇخەلچەم 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇغقانلىرى ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلگىنى نەۋرە سىڭلىسى بۇمەيرەم ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئابدۇكېرىم بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئايرىم-ئايرىم 25 يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
خاتىپ سۇلتان ئەپەندى يەنە دائىرىلەر تەرىپىدىن سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغان تۇغقانلىرىنىڭ چوڭى 60 ياشتىن ئاشقان، كىچىكى 20 ياشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ باققالچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋە قانداق جىنايەت ئارتىلىپ جازالانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. خاتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر تەرىپىدىن قاماق جازاسى بېرىلگەن تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ يۇرتى قەشقەر يېڭىساردىكى مەھەللىسىدە ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار يېڭىشەر ناھىيىسىدە دېھقانلارغا قارىتىلغان ھاشار قاتارلىق مەجبۇرى ئەمگەكلەردىن قېچىپ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا باققالچىلىق قاتارلىق ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلىسىنى قامداۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن.
خاتىپ سۇلتان ئەپەندى يەنە نەۋرە ئىنىسى مۇھەممەتئېلى ۋە نەۋرە جىيەنى ئابدۇراخمان ئىككىيلەننىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى