ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار؛

ھەممىمىز تەشنالىق ۋە  ھاياجان ئىچىدە كۈتكەن ئۇلۇغ ۋە مۇبارەك رامزان ئېيى يېتىپ كەلدى، بۇ ئۇلۇغ ئاي گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىپ مېھىر – شەپقەت ياغىدىغان، تىلەكلىرىمىز تېخىمۇ ئاسان ئىجابەت بولىدىغان خاسىيەتلىك ئايدۇر. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەممىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىمىزگە خاتىرجەملىك، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ھۆرلۈك ئازادلىق تىلەيمەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەممىمىز ئېغىر روھى بېسىم ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. ئەمما ئادەمنى تەسىرلەندۈرگۈدەك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئاللاھتىن ھەممىمىزگە يەنىمۇ كۈچ – قۇدرەت ۋە چىدام – تاقەت بېرىشىنى تىلەيمەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىچە قويۇپ بەرگىنى يوق، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىپ، زاۋۇتلاردا قۇللاردەك ئىشقا سېلىنىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ كۆزلىرى قان يىغلىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي تارقاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەممىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىپ ئىقتىسادى ۋە روھى بېسىمىمىزنى كۆپەيتمەكتە.
شۇنداقتىمۇ مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى داۋا سېپىدە مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا مەدھىيە ئۇقۇش بىلەن بىرگە ئاللاھتىن تېخىمۇ كۆپ كۈچ- قۇۋۋەت ۋە چىدام بېرىشنى تىلەيمەن.

خىتاينىڭ زۇلۇمىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە داۋا پائالىيەتلىرىمىزنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاينىڭ رەزىل ئەپتى – بەشىرىسى تېخىمۇ پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئەسلى قىياپىتىنى تونۇشقا باشلىدى. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادا يۈز مىڭلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بولغان غەزىپى تېخىمۇ كۈچەيدى. خەلقئارا جەمىيەتتىكى خىتايغا قارشى بۇ كەيپىيات داۋايىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتتۇر. ئېغىر كۈنلەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ تېخىمۇ تىرىشىپ، بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئەپتى- بەشىرىسىنى تېخىمۇ پاش قىلىش بىلەن بىرگە،  لاگېردا ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە بىھۇدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ مۇرات – مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگۈسى.
نەچچە ئايدىن بۇيان روھى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى زەربىلەر نۇرغۇنلىرىمىزنى ھالسىرىتىپ ئۆز – ئارا بەزىبىر كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلدى. مۇبارەك ئايدا بارلىق كۆڭۈلسىزلىك، ئۆز- ئارا زىددىيەت ۋە بىر بىرىمىزگە بولغان نارازى كەيپىياتنى تەلتۆكۈس كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ تاشلايلى. بۇ ئۇلۇغ، مۇھەببەتلىك ئايدا ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ كۆپ ئىنساپ ۋە قېرىنداشلىق مېھرى ئاتا قىلسۇن. ئۆز – ئارا ياردەم قىلىشايلى، قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلرىمىزغا ئىمكانىمىزنىڭ بېرىچە ياردەم قىلىپ بۇ قىيىن كۈنلەردىن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتەيلى.
ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ۋە كۈنلىرىڭلارغا خاتىرجەملىك، ۋەتەن – خەلقىمىزگە بالدۇرراق ھۆرلۈك تىلەپ:
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى لىدېرى
رابىيە قادىر