بۇ يىل 1-ئايدا ، ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ، ئەمما ئۆزىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ھېچقانداق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن بىر كىشى خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ، شۇ ئاشخانىدىكى توققۇز كىشىنى يۇقۇملاندۇرغانلىقىدەك بىر ئەھۋال يۈز بەرگەن. ئاشخانىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋىرۇسنى ھەممە ياقلارغا تارقىتىپ ئېغىر يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
شۇ كۈنى ، بۇ بەش قەۋەتلىك رېستوراننىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە 73 خېرىدار غىزالانغان بولۇپ، ئەمما ئاشخانىدىكى ھەممە كىشى يۇقۇملانمىغان . خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇ ۋەقەنى ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر» ژۇرنىلىنىڭ 7-ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىدە بايان قىلغان. تەتقىقاتچىلار ۋىرۇسنىڭ ھاۋادا تارقىلىشىنى تەقلىد قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ بارمىغاچقا بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار چەكلىك بولۇپ كەلگەن ئىدى.
بۇ ۋەقەدىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى، شامالدۇرغۇچ سىستېمىسى ۋىرۇسلارنىڭ ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇرەككەپ ھاۋا ئېقىمىنى پەيدا قىلالايدۇ ، شۇڭا ئۈستەلنى ئاران ئالتە ئىنگلىز چى ئايرىش- كىشىلەر تەۋسىيە قىلغان ئەڭ تۆۋەن ئارىلىق خېرىدارلارنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلالماسلىقى مۇمكىن.
سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىش ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. كىشىلەر بۇلغانغان جايدا قانچە ئۇزۇن تۇرسا ، ۋىرۇس زەررىچىلىرىنى شۇنچە كۆپ سۈمۈرۈشى مۇمكىن. يېيىش ھەرىكىتى ماسكا تاقاپ قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت بولغاچقا ، ۋىرۇستىن پەيدا بولغان تامچىلار يۆتەل ۋە چۈشكۈرۈش ئارقىلىقلا ئەمەس ، بەلكى نەپەسلىنىش ۋە پاراڭلىشىش ئارقىلىقمۇ ھاۋاغا كىرەلەيدۇ ۋە ھاۋادا بىر نەچچە سائەت لەيلىيەلەيدۇ.بۇ ئاشخانىدا كېسەل بولغانلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملانغۇچى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ياكى بىر ، ئىككى ئۈستەل نېرىسىدا ئولتۇرۇپ غىزانلانغانلار بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ چوڭقۇر نەپەسلىنىش ئارقىلىقمۇ تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى ، بىر ئائىلە كىشلىرى گۇاڭجۇدىكى بىر ئاشخانىدا چۈشلۈك تاماق يېگەن بولۇپ، ئۇلار ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى تارقالغان ئۇرۇن ۋۇخەندىن بىر كۈن بۇرۇن گۇاڭجۇغا كەلگەن. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، گېزىتتىكى A دەپ ئاتالغان ئائىلىنىڭ بەش ئەزاسى قارىماققا ساغلام كۆرۈنگەن، ئەمما شۇ كۈنى كەچتە 63 ياشلىق ئايالنىڭ بىرىدە قىزىش ۋە يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. ئىككى ھەپتە ئىچىدە، شۇ كۈنىدە رىستۇراننىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە تاماق يېگەن ئادەممۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئادەم تۇنجى يۇقۇملانغان ئايالنىڭ تۇغقانلىرى ئىكەن.
A ئۈستەل بۇ رېستوراننىڭ غەرب تەرىپىدە بولۇپ ، بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان B ۋە C لارمۇ كېيىنكى ئۈستەلدە چۈشلۈك تاماق يېگەن. B ۋە A ئائىلە تەخمىنەن 53 مىنۇت ئەتراپىدا غىزالانغان بولۇپ B ئائىلىدىكى ئەر- ئايال ۋە قىزى يۇقۇملانغان. C ئۈستەلدىكىلەر A ئۈستەلدىكىلەرنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەنە بىر قوشنا ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تەخمىنەن 73 مىنۇت ئەتراپىدا غىزالانغان. C ئۈستەلدىكى ئانا ۋە قىزى ئىككىسى تەڭلا يۇقۇملانغان. رىستۇراندىكى ھاۋا تەڭشىگۈچتىن چىققان ھاۋا ئېقىمى تامدىن قاڭقىپ C غا قايتقان بولىشى مۇمكىن.
ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋۇخەندىن باشقا ئۆلكىلەرگە كەڭ تارقالمىغان ۋاقىتتا، ئاممىۋى سەھىيە خادىملىرى B ۋە C ئائىلە كىشلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ، بۇ رېستوراننىڭ بىردىنبىر ۋىرۇس بىلەن تارقىلىش مەنبەسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. بۇ رىستۇراندا شۇ كۈنى تاماق يېگەن باشقا 12 ئۈستەلدىكى 73 ئادەمدە ھېچقانداق يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسىمۇ 14 ڭۈن كارانتىن قىلىنغان.
ئاپتور ماقالىسىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: « بىز ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭمۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپچى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدۇق ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلىنىڭ ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق.»
دۆلەتلىك ئىلىم-پەن قۇرۇلۇش ۋە تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە 21-ئەسىر ساغلاملىق خەۋىپىنىڭ دېرىكتورى خارۋېي ۋ.فېينبېرگ بۇ بايقاشنىڭ ئادەمنى ناھايىتىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغان ۋە روھلاندۇرىدىغان بايقاش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
فېينبېرگ يەنە رېستورانلار ئۈستەلنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى مىكروبسىزلاندۇرۇپ ، لەيلىمە ۋىرۇس زەررىچىلىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تەتقىقاتچىلار تەۋسىيە قىلغاندەك: «شەخسىي ۋە ئاممىۋى سورۇنلار، باغچا ، رېستوران ، دۇكان ياكى باشقا جايلاردا چوڭ-كىچىك يىغىلىشلاردىن ساقلىنىڭ».