A man wearing a facemask amid the concerns over the COVID-19 coronavirus waits at a traffic red light on his bicycle in front of a screen displaying a propaganda image (top), on a street in Beijing. -AFP pic

سەيشەنبە كۈنى خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى 80 ئارال ۋە باشقا جۇغراپىيىلىك ئورۇنلارغا  خىتايچە ئىسىملارنى قويۇپ. ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتلەرنى غەەپلەندۈرگەن.

يەكشەنبە كۈنى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىكى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى خىتاي تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان سپراتلى ۋە پاراسېل ئارىلى زەنجىرى ئۈچۈن يېڭى مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىپ ، خىتاي بىر كۈندىن كېيىن بۇ ئاراللارغا قويغان ئىسىملىىرنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا 80 ئارال ، خادا تاش ، دېڭىز ، دېڭىز قىرغىقى ۋە تاغ تىزمىلىرىنىڭ خىتايچە  ئىسمى ۋە كوئوردېناتلىرى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ۋېيتنام ، تەيۋەن ، مالايسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ئەنگىلىيە ئاقىللار مۇنبىرىدىن بىل خايتون: «  خەلقئارا قانۇن بويىچە ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىن 12 دېڭىز مېلى يىراقلىقتىكى دېڭىز ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا خىتاي بۇنىڭدىن خەۋەرسىزمۇ ياكى قەستەن خەلقئارالىق قانۇننى ئاغدۇرماقچىمۇ؟» دېگەن.

خىتاي  ب د ت نىڭ دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسىنى (UNCLOS) تەستىقلىغان ، بۇ دۆلەتلەر  ئۆزىگە تەۋە بولمىغان تېررىتورىيەلەرنى خالىغانچە تەلەپ قىلالمايدۇ.  شۇنداقتىمۇ خىتاي ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ناھايىتى يىراق جايلارداا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەھدىنامىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،خىتاي  سۈنئىي ئارال ياساش  ۋە ئېغىر ھەربىي قوراللارنى ئورنىتىش ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن تەلىپىنى كۈچەيتىپ ، بۇ رايونغا تەھىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەپتە ئاخىرىدا خىتاي  پاراسېل ۋە سپراتلى ئارىلى ، ماكلېسفىلىد  ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى سۇلارنىڭ سانشا شەھىرىنىڭ ئىككى يېڭى رايونىدا باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، ۋېيتنامنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ بۇ رايوندىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا «ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭغا قارىتا ، خىتاي  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى سەيشەنبە كۈنى سپراتلى ۋە پاراسېل ئارىلىنىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ، ۋېيتنامنىڭ تەشەببۇسىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋېيتنام  ب د ت غا خىتاي ئۈستىدىن  ئەرز سۇنۇپ ، بېيجىڭنىڭ پاراسېل ئارىلىغا يېقىن جايدا بېلىقچىلىق پاراخوتىنى قانۇنسىز چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ، پاراخوتتىكى سەككىز كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مەنبە: