2020- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنىگە قەدەر دۇنيا بويىچە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2.343.293، ۋىرۇستىن يۇقۇملۇنۇپ ساقايغانلار 602.793، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 161.330 كىشىگە يېتىپ دۇنيا زور بىر ۋەھىمە ئىچىدە تىڭىرقىماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور تەدروس ئادھانوم 2020–يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىشقا باشلىغان، كورونا ۋىرۇسى-19 دەپ نام بېرىلگەن، ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ خىتاي دۆلەت چىگرىسىدىن ھالقىپ دۇنياغا تارىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ۋىرۇس توغرىسىدا جىددىي تەدبىر ئېلىش كېرەكلىگى توغرىسىدا ئاغاھلاندۇرۇپ رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئوبىكتىپ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش، ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا توغرىسىدا جىددىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش، ئاممىۋى سورۇنلارنى تاقاش، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختۇتۇش، سەھىيە خىزمەتچىلىرىدىن باشقا خىزمەتچىلەرنى ئۆيىدە ئىشلەشكە ياكى دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئالاقىگە چەك قويۇش، پۇقرالىرىغا مىلياردلارچە دوللار، ياۋرو ئىقتىساد ئاجرىتىپ، قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش، ئىشتىن توختىغان زاۋۇت-كارخانىلىرىغا ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىش… قاتارلىق چارە-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ھاۋا، سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى پۇتۇنلەي دىگۈدەك توختىدى. كۈندىلىك ھەر ساھەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىم خەۋەرلىرى ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان، يۇقۇملۇنۇپ ساقايغان، يۇقۇملۇنۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى، ۋىرۇسنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەلتۈرىۋاتقان مۆلچەرلىگۈسىز زىيىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پەيدا قىلىۋاتقان روھى بېسىم قاتارلىقلارنى ئاساسىي تەما قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ ۋىرۇس توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغانلىقى، ۋە ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تەدروس ئادھانومنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ دۇنيا ئەللىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارىتا تەدبىر ئېلىشنىڭ كېچىكىپ كەتكەنلىكى ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان دۇنياۋى بۆھراننىڭ سەۋەپچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەيىپلەشلەر داۋام قىلماقتا.
بىر قىسىم ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ئورگانلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، بۇ كورونا – 19 ۋىرۇسىنى خىتاي مۇتەخەسىسلىرىنىڭ 2008-يىلىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى، «پ 4» دەپ ئاتىلىدىغان ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىدىن تاراپ كەتكەنلىكى، ۋىرۇسنىڭ 2019-يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا خىتاي تەۋەسىدە ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنسا يەنە بەزىلىرى بۇ ۋىرۇسنى ئامېرىكا خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان سۇنئىي ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا سوتقا تارتىش، ۋىرۇس سەۋەپلىك بارلىققا كەلگەن ئىقتىسادىي زىياننى تۆلىتىش قاتارلىق پىكىر- قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. دىمەك سۇ قاتنىشى توختاپ دېڭىز-ئوكيانلار سۇ بۇلغۇنىشتىن، ھاۋا –قۇرۇقلۇق قاتنىشى توختاپ مۇھىت بۇلغۇنىشتىن ئىبارەت قىسمەن پايدىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ كورونا-19 ۋىرۇسى دۇنياغا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ زور بالايى-ئاپەتنى ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن ئىشلەپچىرىش ئورۇنلىرى تاقىلىپ، مىليونلارچە كىشىلەر ئىشسىزلارغا ئايلاندى. دۆلەت چىگرىلىرى تاقىلىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئاساسەن توختاپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چەكىنىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ.
ئى م ف – خەلقارا پۇل – مۇئامىلە فوندىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىسكىسىدا مۆلچەرلىنىشىدە، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىدا زور چېكىنىش بولۇپ، چېكىنىش نىسبىتى 6.3% يېتىشى ئەگەر دۇنيا سەھىيە- داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشىلانمىسا 2021-يىلىدا ئىقتىساتنىڭ نورماللىشىشى تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە. بۇ ۋىرۇسنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئالدى بىلەن سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىدا 5.9%، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ياۋرو رايۇنىدا 7.5% چېكىنىش بولىدىغانلىقى، ئىتالىيەدە بەلكىم ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى 9.1 % گە چۈشۈشى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق چىقىم بولىدىغانلىقى مۆچەرلەنگەن.
نوپۇزلۇق ئىقتىساتشۇناسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە خىتاي دۆلەت ئىقتىسادى يېقىنقى 30 يىل جەريانىدىكى ئەڭ زور چېكىنىشكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، چېكىنىش نىسبىتى 8.2% گە يەتىدىكەن. خىتاي دۆلىتىدە پەقەتلا ئېكسپورتقا تايىنىدىغان زاۋۇت-شىركەت ئاساسەن دىگۈدەك ۋەيران بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرى ھالدا ئىشلەپچىقىرىشنى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ چىگرالارنىڭ تاقىلىشى، خەلقئارادىكى خېرىدارلارنىڭ زاكاسنى بىكار قىلىشى نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىش يەنىلا توختاپ قالغان. خىتاي پۇلىنىڭ پاخاللىشىش نىسبىتى 130% يەتكەن بولۇپ بۇ تېخى ئىقتىسادى چېكىنىشنىڭ باشلىنىشى ھىساپلىنىدىكەن.
يەرشارىلاشقان پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرسىمان لىنىيەسىدە، سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بەلگۈلىك ساھەدە خىتاي دۆلىتىگە تايىنىپ قېلىش ئەھۋالى ئاشۇ دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتىگىمۇ مىسلىسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ خىل زەنجىرسىمان تايىنىپ قېلىش ئەھۋالىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز شىركەتلىرىنى خىتايدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدىن ئايرىلغان شىركەتلەرگە ئىقتىسادى ياردەم بېرىش چارىلىرىنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 460 مىڭدىن كۆپرەك شىركىتى ۋەيران بولغان. خىتاي دۆلىتىدە يۈز بېرىش ئەھتىمالى ئىنتايىن يۇقۇرى، زور دەرىجىدىكى ئىقتىسادى چېكىنىش، غايەت زور ئىشسىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە بانكا ۋە پۇل- مۇئامىلە سىستىمىسىدىكى قاتماللىق، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتتىكى تەڭسىزلىق، خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە سىياسى تۈزۈلمىدىكى چىرىكلىك قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر دۆۋىلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئېغىر خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن بىرى بولسىمۇ، بىز قانچە كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى، جازا لاگىرلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ۋابا شارائىتىدىكى تۈرلۈك قىسمەتلىرىگە ئائىت تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن تەپسىلى خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىمىز ناھايىتى چەكلىك بولىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدىن نۇرغۇن ياشلارنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا ئەرزان ئىشچى قاتارىدا يۆتلەپ ئەكىتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىق خەۋەرلىرى ھەر-بىرىمىزنىڭ يارىلانغان قەلبىنى تېخىمۇ غەش قىلماقتا.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدا، دۇنيانىڭ ھەر-قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بۇ ۋىرۇس پەيدا قىلىۋاتقان روھى زەربە، ئىقتىسادىي زەربە ۋە ئىجتىمائىي قېيىنچىلىق قاتارلىق زەربىلەرگە ئۇچراۋاتسىمۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇس سەۋەپلىك يولغا قويغان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرغىلى مانا بىر ئايدىن ئاشتى. غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز روھى ۋە ئىجتىمائىي زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پاراۋانلىق سىستىمىسى كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش ياردىمىدە ھەرھالدا قىسمەن بولسىمۇ «خاتىرجەم» سىرتقا چىقماي كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەمما تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان، كۈندىلىك تىرىكچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان، ھەر خىل سەۋەپلىك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى قۇتقۇزۇش كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىسادى كىرىزسقا دۇچ كەلدى.
مۇشۇنداق پەۋقۇللاددە شارائىتتا چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار جىددىي ھەركەتكە كېلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقتى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قىيىنچىلىقتىكى ۋەتەنداشلىرىمىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە توپلانغان بەلگۈلىك مىقداردىكى پۇل، يىمەك- ئىچمەك قاتارلىق كۈندىلىك ئىستىمال بويۇملىرى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى مۇھتاجلارغا توختاۋسىز يەتكۈزىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز، ۋەتەن سۆيەر قېرىنداشلىرىمىز، ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ئىمكان بار كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەر ياردەم فوندىلىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم سوراپ ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى جىددىي باش چۆكۈرۈپ داۋام قىلماقتا. ھەرقايسى ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز چاقىرىقلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن ۋەتەنداشلىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈپ، ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىل ئەخلاقى-پەزىلەت، ئۇيغۇرلاردىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، بىزدىكى ئىسلامىي ئەخلاق ۋە ئىمانىي مەجبۇرىيىتىنى نامايەن قىلدى. مېدىتسىنا ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق، ۋەتەن سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىزنى ۋىرۇس توغرىسىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار، شۇنىڭدەك مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى ئىلمىي مەسلىھەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.
2019-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۇچۇن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلگەن ۋەتەنسۆيەر قېرىنداشلىرىمىز، تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسىيونلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، دىپلوماتىك سىياسى پائالىيەتلىرى ۋە زور تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىق دەۋاسىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرگەن بىر يىل بولغان. غەرب ئەللىرىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ تاشقىي سىياسىتىدىكى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلغاندىن باشقا يەنە ياۋراپا پارلامېنتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتى قاتارلىق دۇنيانىڭ سىياسىي مەركەزلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارارلار ئېلىنىپ ۋە ئۇ قارارلار توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش قەدىمىگە ئۆتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستان) مەسىلىسى دەۋا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىقى، ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ زور ھەربىي كۇچ بولغان ناتو- شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت مۇنبىرىگە قەدەر كەلگەن ئىدى. بۇ بىر تەسادىبىيلىق بولماستىن بەلكى ئاشۇ تەشكىلات ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشىپ، جاپالىق خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى تەشكىلاتلىرىمىز يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئاساسەن 2020-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققان ئىدى. «يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ» دىگەندەك بۇ ۋىرۇس بالاسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغىمۇ مىسلىسىز ئاپەت ئېلىپ كەلدى.
نۆۋەتتە يەر شارى خارەكتىرىدە ئۇلغىيىۋاتقان ۋىرۇس ۋەس-ۋەسىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھايات-ماماتلىقى، ۋىرۇسدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى جىددىي سەپلەش، زورىيىۋاتقان ئىشسىزلارغا قۇتقۇزۇش راسخوتى ئاجرىتىش، مۇھىم ۋە ئۆتكۈر كەسپلەردىكى كارخانىلىرىنى ۋەيران بولۇشتىن ساقلاپ قېلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىشنى قانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، توختاپ قالغان ھاۋا، سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى، دۆلەتنىڭ نورمال ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، سىياسى تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۇرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلىرى بىلەن ئالدىراش. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن قانچىنچى مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەممىمىز ئۈچۈن بىر تېپىشماق.
ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ قاچان يۇقىرى پەللىگە چىقىپ ئاخىرلىشىدىغانلىقى نۆۋەتتە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ۋىرۇس تەتقىتات ئورگانلىرىمۇ پەقەتلا پەرەز، ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. بىز ئېغىر كەلكۈندىكى كىچىك كېمىدەك نىمىلەرگە ئۇرۇلۇپ، نىمىلەرگە سوقۇلۇپ، كەلكۈننىڭ بىزنى نەگە ئاپىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلمىگەندەك ھالەتتە تۇرىۋاتىمىز. خىتاي ۋىرۇسى، خ ك پ ۋىرۇسى – خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ۋىرۇسى، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خىتاي دۆلىتىنى خەلقئارا سوتقا تارتىپ تۆلەم تۆلىتىش قاتارلىق خىتايغا قارشى سادالار دۇنيادا بارغانچە ئەۋجگە چىقماقتا.
بىز نۆۋەتتە باش قاتۇرىدىغان مۇھىم مەسىلە قانداق قىلىپ بۇ ۋىرۇس زەربىسىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈۋېلىش. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز ۋىرۇستىن يۇقۇملۇنىپ 9-ئاپرىل ھاياتىدىن ئايرىلغانلىق خەۋىرى ھەممىمىزنى پەرىشان قىلدى. ئۇ ۋىرۇس سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇنجى ئۇيغۇر. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىملەردىن ئايرىلىپ قالىمىز بۇنىسى بىز ئۈچۈن قاراڭغۇ. بىز دىققىتىمىزنى قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇشقا ۋە ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيانىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش سېپىدىن ئۆز ئورنىمىزنى تېپىشقا، دۇنيانىڭ خىتايغا قارشى ساداسىغا ئۆز ئاۋازىمىزنى قۇشۇشقا قاراتقىنىمىز ئەڭ توغرا بولىدۇ. ۋىرۇسنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقى، ئۇنىڭ خارەكتىرى ۋە كىملەرنىڭ قانداق پەيدا قىلغانلىرى …توغرىسىدا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەت، كەسپى ئورۇنلار ۋە كەسپى مۇتەخەسىسلەر مېنىڭچە يىتەرلىك خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
بۇ ۋىرۇس دۇنيادا بىر دەۋر بۆلگۈچى ئامىل بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. بىز ۋىرۇس ئاپىتى ئاخىرلاشقاندا بارلىققا كېلىدىغان دۇنيا ۋەزىيىتى، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان دۇنيانىڭ سىياسى ئۆزگۈرۈشى، ئۆزگەرگەن دۇنيا ۋەزىيىتىگە قارىتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سىياسى مەركەزلىرىدە دەۋا قىلىش ۋە مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق بولغان خەلقئارادىكى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەييار تۇرۇش ۋە خەلقىمىزنى ئومۇمىي يۈزلۈك مۇستەقىللىق يولىغا يىتەكلەش قاتارلىق نۇقتىلاردا باش قاتۇرۇپ ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئستراتىگىيە، سىياسەت، پىلان ۋە توغرا چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇستەقىللىق يولىدا تۈزگەن توغرائستراتىگىيە، يىتەكچى سىياسەت، ئەتراپلىق پىلان ۋە ئاقىلانە چارە-تەدبىرلەر مۇستەقىللىققا يېتىشىمىزدىكى سەپەرنى قىسقارتىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئېغىر بەدەل تۆلىسەكمۇ نىشانىمىزغا يىتەلمەيمىز.
ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 19-ئاپىرىل، كارلسرۇھە-گېرمانىيە
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى