2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى, دەۋر گېزىتى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، تىبەتلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش قىلمىشىنىڭ بىر قىسىمى دەپ تەنقىد قىلغان.
4-ئاينىڭ 14-كۈنى «Bahadir Tarimi » ئىسىملىك بىر ئابونىتنىڭ تېۋىتتىردا يوللىغان سىنىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلاركوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئەتراپ پۈتۈنلەي خىتايچە بېزەلگەن ، كېلىنچەكلەر خىتايچە قىزىل توي كۆينىكى ، يىگىتلەر قارا كاستىيۇم- بۇرۇلكا كىيگەن. بىر قىسىم كىشلەر ماسكا تاقىۋالغان بولۇپ، ھېلىھەممۇ ئۇ يەرنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش تەبىرلىرى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ، توينىڭ بۇ يىل 4- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان .
« دەۋر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن تەشۋىق قىلىدىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنى رەسمىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلمىغانلىقىنى بايقاپ ھەيران قالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى قوللىغان بىر پائالىيەت بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولۇشتىن ئەنسىرەپ بۇ ۋەقەنى دوكلات قىلمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ.»
ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە فولكلورغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتى ھەم دىنىي ئېتقادىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن توي مۇراسىملىرى بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ئۇنى مەجبۇرىي ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقانلىنى دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ۋە سىياسەت جەھەتتىن قورقۇتۇش، مەجبۇرلاش ۋە باشقا ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمىنى خىتايچە ئۇسلۇپتا قىلىشىنى يولغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تولۇق ئاسسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىشتەك نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ فولكلورى ، مەدەنىيىتى ، تۇرمۇش ئېتىقادى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. شۇندىلا خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
دىلشات ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن : « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر فولكلورى ، مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلار ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ھۇقۇقلارغا ئېرىشىشگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى خەلقئاراغا جاكارلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەكسىچە ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدىغان رەزىل سىياسەتلەرنى قوللىنىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي قۇبۇل قىلدۇرماقچى بولغان خىتايچە توي مۇراسىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن سىغىشالمايدۇ ھەمدە مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېستىمىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بىلەن دىنىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلەپ، بۇ خىلدىكى ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىملاتىسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت. توي ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسىمى. خىتايچە ئۇسلۇپ ئارقىلىق قىلىنغان توي ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنى، تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى مەدەنىيىتى ، ئەسلى ئېتىقادى ۋە ئەسلى ھالىتىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن تازىلاپ چىقىرۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى يەرلىك ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ.»
ئەمەلىيەتتە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشىنى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ نىشان دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، « ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئوقۇتۇشنى چەكلەش » قاتارلىق سىياسەتلەر ۋە « ھەقسىز مائارىپ» دېگەن ناملاردا قەدەممۇ- قەدەم ئېلىپ بېرىلغان.
2017-يىلى 9-ئايدا ، خوتەندىكى مەكتەپلەر ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.
شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ،« شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ » باسقۇچىدا ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويغان.
2019-يىلى 9-ئايدا ، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى گولو شىزاڭ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئالتە ناھىيەدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر «ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئەندىزىسى» نى تولۇق يولغا قويغان. بۇ ئوقۇتۇشتا، خىتاي تىلى ئاساس، تىبەت تىلى قوشۇمچە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، گولو شىزاڭ ئاپتونوم ئوبلاستى «بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئەندىزىسى» نى قوللانغان بولۇپ ، تىبەت تىلى ئاساسىي ئورۇندا، خىتاي تىلى قوشۇمچە ئورۇندا ئىدى.
دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان ئۇيغۇر تىلىنى قەدەممۇ- قەدەم سىقىپ چىقىرىش، چەكلەش سىياسەتلىرى تىبەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كەلگەن.
مەنبە: « دەۋر گېزىتى»