دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو جۈمە كۈنى ئەتىگەندە خۇگ خېۋىتتنىڭ رادىئو پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ،خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە سۆھبەت پىروگراممىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇخبىرنىڭ  2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يۆتكەش كېرەكمۇ- يوق ؟ دېگەن سۇئالىغا، ئۇ  بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشنىڭ كېرەكلىكى،  خىتاينىڭ دائىم ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقى،  شىياڭگاڭدا بىر دۆلەت، ئىككى سېستىما بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا ۋە غەربتىكى ئۇيغۇرلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەردە قورقۇنۇچلۇق ئىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىر ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت ئاپەت ئىكەنلىكى،  شىنجىنپىڭنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ،  ئۇلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇ يەرگە مۇھىم قوراللارنى قويغانلىقى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇلارنىڭ دېگىنىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا  قاراپ ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ چوڭ كۈچ بولۇشنى  ۋە مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر جەمئىيىتىگە قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇچۇق- ئاشكارا بولۇشى ، ھەقىقەتنى سۆزلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

 

مەنبە: Real clear politics