«زىمىستان» تورىشەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى 500 مىڭ ئەتراپىدا دەپ خەۋەر قىلغان. ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر مەھبۇسلار يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئالغان ۋە بۇ ھەقتە ئاخباراتقا مەلۇمات بەرگەن سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن بىرى. ئۇ مەزكۇر ساننى 500 مىڭدىن ئارتۇق دەپ پەرەز قىلىدۇ.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتمۇ ساقچى خادىملىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن 2017-يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىن كۈنىگە يۈزلەرچە ئاپتوبۇسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاۋسترالىيە سىياسىي ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىشەرقىي تۈركىستاندىن 2017-ۋە 2019-يىللىرى ئارىسىدا 80 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ھەقسىز ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە يوللانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە قاماقخانىدىن ۋە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن يۆتكەلگەنلەر بارلىقىنى خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىك ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇنىڭ ئېھتىيات بىلەن دېيىلگەن سان ئىكەنلىكى، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
قەشقەردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ساقچى خادىمى بۇ يۆتكىلىشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىد ئالدى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەردە باشقۇرۇشنىڭ «ياخشى» ئىكەنلىكى، ئاندىن قەشقەردە تۈرمە ۋە قاماقخانا يېتىشمەسلىك ۋەزىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئاۋسترالىيەنىڭ مەزكۇر تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھەقسىز ۋە مەجبۇرىي ئىشلىتىلىش، يەنى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئۈچۈن يۆتكەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەتتا دوكلاتنىڭ ماۋزۇسى «ئۇيغۇرلارنى پۇلغا سېتىش» دېگەن مەزمۇندا قويۇلغان.
«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە يۆتكەلمە مەھبۇسلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈك ئىكەنلىكى ۋە ھەر بىرى بىر كىشىلىك كامىرىدىن پەقەتلا سىرتقا چىقمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي تۈرمىسىدىكى بىر خادىم بۇ يۆتكەلمە مەھبۇسلار ئادەتتىكى مەھبۇسلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۆتكەلمە مەھبۇسلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئاكتىپ كۈچلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى خىتايغا قارشى مەيدانى ئېنىق بولغان ۋە ۋەقە چىقىرىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىنغان كىشىلەر؛ يەنە بىر قىسمى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا يېتەكچى رول ئويناۋاتقان كىشىلەر ئىكەن. شۇڭا يۈتكەلمە مەبۇسلار ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» نىڭ سالمىقىغا قاراپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغان ۋە ئەمگەككە سېلىنماي يىللاپ كامىردا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان ئىككى خىل تۈردە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارنى ئەمگەككە سېلىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ يېڭى ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە بۇ يۆتكەلمە مەھبۇسلارنىڭ خىتاي يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىدە ئامبار سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل مەھبۇس يۆتكەشتىكى مۇددىئاسىنى «مەھبۇسلارنى ئائىلىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن مەخپىي تۇتۇش، تۈرمىلەردە چىرىتىپ تۈگىتىش، ئىچكى ئورگانلىرىنى سېتىپ ياكى مەجبۇرىي ئىشقا سېلىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش» دەپ قارايدۇ.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى