ئاۋسترالىيە كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دىرىۋ پاۋلوۋ.

ئاۋسترالىيە، كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دىرىۋ پاۋلوۋ، ئۆزىنىڭ تۋىتتىر ھېسابىدىن كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن 27-ئاپرېل مەكتەپتىن ھەيدىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پاۋلوۋنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرسبەين رايونىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى شۈجىيى پاۋلوۋنى «خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم تەھدىتى سالغانلىقى» ئۈچۈن، پاۋلوۋ شۈ جىيى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان بۇ سوت 24-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلمەكچىكەن. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 27-ئاپرېل ئۆزىنىڭ «مەكتەپتىن ھەيدىلىش» قارارى ھەققىدە يېپىق يىغىن ئېچىشىنى نەق سوت ئۆتكۈزۈلۈشكە يېقىن قالغان بىر ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. 2019-يىلى شۈ جىيىغا كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىكەن.

پاۋلوۋ 2019-يىلى 10-ئايدا كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلار سېناتى، يەنى «ئوقۇغۇچىلار كېڭەش پالاتاسى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل ئىكەن. پاۋلوۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا بۆلۈمى ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى راھەتسىز قىلغان. پاۋلوۋ سايلامدىن بۇرۇنمۇ خوڭكوڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۈچۈن نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نامايىشلارنى، لېكسىيەلەرنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرغان. مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى لىنون دەپ ئاتالغان ئېلان-تەشۋىقات تېمىنى دائىم خوڭكوڭ، ئۇيغۇر، تىبەتكە ئائىت خەۋەرلەر بىلەن توشقۇزغان. بۇ سەۋەبلىك بىر قانچە قېتىم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تاياق يېگەن.

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى، دوكتور ئادىرىيان زېنز خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ياشلارنى تەھدىت دەپ قارايدۇ. مەسىلەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە پۈتۈن ياشلار قوزغالغان، شۇنىڭ بىلەن خىتاي ياشلارنى ئىدىيە جەھەتتىن كونترول قىلىشقا تىرىشقان. ئەمدىلىكتە بۇ خىل ئىدېئولوگىيەسىنى غەربكە كېڭەيتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، چۈنكى تەتقىقاتچىلارنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى قارار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن غەربنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ».

پاۋلوۋنىڭ ئېيتىشىچە كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى 186 بەتلىك ئەيىبلەشنامىسنىڭ ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تولىمۇ بىمەنە بولۇپ، ئۆتكەن يىلى مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى تاللا بازىرىدىن بىر تال قەلەمنىڭ پۇلىنى تۆلىيەلمەي، قەلەمنى ئالماي چىقىپ كەتكەنلىكىمۇ ئۇنىڭ مەكتەپتىن ھەيدىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.

كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى باركىلىي بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەكتىپىمىزدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ 20 پىرسەنتى خىتاي ئوقۇغۇچىلار. مەكتەپنىڭ ئىقتىسادى ئاشۇلارغا باغلىنىپ قالغان. پاۋلوۋ يىللاردىن بىرى مەكتەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېقىنمىچىلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم ۋىرۇس مەزگىلىدە مەكتەپ تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېھتىياجلىق. ئوقۇغۇچىلارنى پاۋلوۋ بىلەن كارى بولماسلىقى مۇمكىن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇئان مەكتەپنىڭ ‹پاۋلوۋنى مەكتەپتىن ھەيدەش قارارى›غا قارشى ‹پاۋلوۋنى قوغداپ قىلىش مۇراجىئەتنامىسى›غا ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 15مىڭدىن ئېشىپ كەتتى».

«ئاۋسترالىيە» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى پاۋلوۋنىڭ مەكتەپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن «مەكتەپتىن ھەيدىلىش» مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن. ئەمما كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ قارارىنىڭ پاۋلوۋنىڭ باشقا قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە باغلىنىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

پاۋلوۋ، ئەگەر ئۆزىنىڭ مەكتەپتىن ھەيدىلىپ كېتىلسە، ئائىلىسىنىڭ ناھايىتى ئاددىي بىر ئائىلە ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «ئائىلەم ناھايىتى ئاددىي بىر ئائىلە. مەكتەپتىن ھەيدىلىپ كېتىپ قالسام نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلىمەن، ئوقۇشۇمنى تاماملىيالمايمەن. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى كېڭەش پالاتاسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا بېرىلگەن مائاشتىن 10 مىڭ دوللارنى، توردا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىن يىغىلغان ئىئانە بىلەن قوشۇپ جەمئىي 12مىڭ 280دوللارنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە شۆبىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان ئىدىم. ئەگەر ھەيدىلىپ كېتىپ قالسام ئۇنداق چوڭ ياردەم قىلالماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەكتەپتىن ھەيدەلسەممۇ، سۈكۈتتە تۇرمايمەن، ھەقىقەت ئۈچۈن يەنە سۆزلەيمەن. ئەگەر بۇ داۋادا يېڭىپ، مەكتەپتە قالالىسام خوڭكوڭ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىقلار بىلەن بىر سەپتە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتا قارشىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمەن».

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى