«بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ خىتايدىكى تەشۋىقاتلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 28-ئاپرېل، بېيجىڭ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، يەنى UNPO 14-ئاپرېل دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش لىنىيەسىدىكى ئىككى ئاساسلىق يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن پاكىستاندىكى بالۇجىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى» شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئاپتونومىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا قوللانماقتىكەن.

دوكلاتتا،شەرقىي تۈركىستاندىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنىڭ ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «روشەنكى، بىر يول بىر بەلۋاغ زامانىۋىلىشىش چۈمپەردىسى ئاستىدا ‘سەكرەپ ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ سىياسىي ئاپتونومىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئومۇمىي غايىسى ئىلھاملاندۇرۇلدى، يولغا قويۇلدى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا كۈچەيتىلدى».

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ «تەرەققىيات» مودېلىنى باشقىلارغا «بىر خىل ئەندىزە» سۈپىتىدە سۇنسىمۇ، لېكىن «بىر بەلۋاغ بىر يول» رامكىسىدىكى بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋاكالەتسىز خەلقلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئاجىزلاشتۇرغان. ئامېرىكادىكى «گىلگىت-بالتىستان تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ پرېزىدېنتى سەڭې سېرىن، خىتاينىڭ سۇنغان تەرەققىيات ئەندىزىسىگە باھا بېرىپ، ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ 16-ئاپرېل زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ سۇنغان بۇ ئەندىزىسى ئىنتايىن مەركەزچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بىر ئەندىزە. ئۇنىڭدا ھوقۇق خىتايدىكىدەك بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىدۇ. ئۇ باشقا دۆلەتلەردىكى يەرلىك سىياسىي سىستېمىغا ۋە دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىدۇ. ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ زېمىنى ۋە بايلىقىنى قوغدىماقچى بولغان يەرلىك خەلقلەرگە زىيان سالىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقانلىرىنى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كېڭەيتمەكتە. شۇڭا، پاكىستاندا پۈتۈن بايلىقنى ھەربىيلەر كونترول قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە مانجۇرىيە رايونلىرىدا ئىشلەتكەن مودېلى كۆچۈرۈپ كېلىندى».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەندىزە رايوندىكى بەزى دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي قىممەت ئۆلچىمىنى يوق قىلغان. سەڭې سېرىن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنى خىتاي ئۆزىگە تارتىپ كەتتى. چۈنكى، خىتاي ئۇلارنىڭ تەرىپىنى تۇتتى. ئۇلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ بايلىقىغا تايىناتتى. يەرلىك خەلقلەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنى بەختسىزلىككە ئۇچراتتى. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئىزچىللىق يوق. چۈنكى، يەرلىك سىياسەت چىقارمايدۇ. دېموكراتىيە، ئاپتونومىيە، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش دېگەنلەر ئاجىزلىدى. خىتاينىڭ دۇنياغا سۇنغان سىياسىي، ئىقتىسادى ئەندىزىسى ئىجتىمائىي قىممەت ئۆلچىمىنى يوق قىلدى».

«ئۈچ پورتنىڭ ھېكايىسى: بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ پاكىستان ۋە خىتايدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەرگە بولغان تەسىرى» ناملىق دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، «خىتاي،شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرشارىغا باغلىنىشلىق بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىدە ئۇيغۇر كىملىكىنى رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا مايىل قىلىپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى كىچىكلىتىپ كۆرسەتكەن». دوكلاتتا «خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، رايوندا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ يولىنى ئاچقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇ خىل مودېلنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى قىيىن ئىكەن. ئامېرىكادىكى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور تىمۇر كوجائوغلۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بەزى دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا سۈكۈت قىلىشى ئۇلارنىڭ خىتاي مودېلىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن. ئۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ پەقەت پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى خەلقئارادا خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ساداسى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا يۇقۇم ئامىلىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» غا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن تىمۇر كوجائوگلۇ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىنكى جاھان بىز بىلگەن جاھان بولمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە جاھاننى زور خەتەرگە سوققان بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بار»، دېدى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى 3 نۇقتىلىق دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق پورتى ئانالىز قىلىنغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۈرۈمچى، پاكىستاننىڭ گۋادار ۋە گېرمانىيەنىڭ دۈسبەرگ شەھىرى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق قاتناش تۈگۈنلىرىكەن. دوكلاتتا، گېرمنايەنىڭ بەزى شىركەت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئەيىبلىنىپ، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە مال تەمىنات زەنجىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.

دوكلاتتا، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەمدەم بولۇپ قالماسلىقى، چۈنكى «خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ياتىدىغانلىقى» ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، «ئۇ بىر مىللەتكە قارىتا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۇتقۇن ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستاننى بىر بەلۋاغ بىر يولنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ كىملىكى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى قارار قىلدى» دېيىلگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى