ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتارلىقلار ساگامىخارا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ماسكا ۋە تۈرلۈك ئىئانە بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 2020-يىلى 16-ئاپرېل، ياپونىيە.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى خالمەت ئەپەندى 16-ئاپرېل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن باشلانغان «ماسكا ئىئانە قىلىش» پائالىيىتىنىڭ 15-ئاپرېل كۈنى غەلىبىلىك تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە باشلانغان «ماسكا ئىئانە قىلىش» پائالىيىتىگە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشقان. ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە يىغىلغان ئۆلچەملىك ماسكا 1224 تال، تىكىلگەن ماسكا 196 تال، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى 28.8 لىتىرغا يەتكەن.

خالمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتنى باشلىشىغا ياپونىيەدە خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشقانلىقى سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ياپونىيەدىمۇ كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە ياپونىيەدىكى بارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالغان. بۇنداق شارائىتتا ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماسكا يىغىش پىدائىيلار پائالىيىتىنى باشلىغان ئىكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتا ماسكىلارنى ياپونىيەدە يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېغىر بولغان ئالدىنقى سەپتە كېسەل داۋالاۋاتقان تېببىي خادىملار ۋە ياشانغانلارغا ئىئانە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر پىدائىيلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان ماسكا ۋە دىزېنفىيا سۇيۇقلۇقلىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان باشچىلىقىدىكى ئىككى گۇرۇپپا تەرىپىدىن 15-ئاپرېل كۈنى كاناداۋا رايونىنىڭ زۇشى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە، 16-ئاپرېل كۈنى ساگامىخارا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان ئەپەندى 15-ئاپرېل كۈنى كاناداۋا رايونىغا قاراشلىق زۇشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-16-ئاپرېل كۈنلىرى ھەر ئىككى شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇيغۇر پىدائىيلىرى گۇرۇپپىسىنى قوبۇل قىلغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر پىدائىيلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى