«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 16-ئاپرېل كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلار ‹قوينى ئېشەككە ئالماشتۇرۇش› ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلىدى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلغان.
بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. خەۋەردە لوپنۇر ناھىيەسى بوستان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇرگۈل ئابلىز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال مىسال قىلىنىپ، جەنۇبتىكى دېھقانلارنىڭ «ئېشەك سۈتى سېتىپ يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيەسىگە يېتىش» كە ئاتلانغانلىقىدەك بىر بىر ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن.
خەۋەردە مۇنۇلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن: «2016-يىلى نۇرگۈل ئابلىز بوستان كەنتىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بەرگەن 11 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قويى ۋە 50 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەپتىرىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇلارنى بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يېتىش ئۈچۈن بېقىۋاتقان قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئېشەك ئالغان، ئېشەكلەرنى بېقىپ، ئەي قىلىپ ئېشەك سۈتى سېتىپ بېيىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى باشقىلارمۇ نۇرگۈلنى ئۈلگە قىلغان. قويلارنىڭ ئورنىنى ئېشەكلەر ئىگىلىگەن، ئۇلار ئۆز كەنتى ۋە قوشنا كەنتلەردىن زاكاز بەرگەن كەنت ئاھالىلىرىگە ئېشەك سۈتى سېتىپ باي بولغان.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىللىرىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا ئېشەك بېقىش، ئېشەك سۈتى ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن ئىدى. ئىسلام دىنىدا ئېشەك گۆشى ۋە ئېشەك سۈتى قاتارلىقلار «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەدەپ ئېشەك سۈتىنىڭ پايدىلىقلىقىنى، ئېشەك سۈتى سېتىش ئارقىلىق باي بولغىلى بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلىرىدە خەلقئارادا ئېشەك سۈتىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق بىر ئىلمىي پاكىت يوق بولۇش بىلەن بىرگە مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاممىسىغا «قوينىڭ ئورنىغا ئېشەكنى ئالماشتۇرۇپ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىش» نى تەشۋىق قىلىش «خىتاينىڭ يامان غەرىزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى