14-ئاپرېل كۈنى كانادا دۆلەتلىك رادىيوسىدا ، كانادادا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ زىيارەت قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان ئېرى ۋە يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.
ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرى گۈلشەن ھاجى ئىسىملىك بۇ خانىمنىڭ 2016-يىلى كاناداغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكى، نۆۋەتتە كانادانىڭ ۋانكوۋىر شەھىرىدە بىر قىزى بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي تۈرمىسىدە ئىشلەيدىغان ئېرى ئادىل ياقۇپنىڭ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
گۈلشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئېرى ئادىل ياقۇپ 1975-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1996-يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۈرمىسى، غەربىي تاغ رايونلۇق تۈرمە قاتارلىق جايلاردا تاكى 2018-يىلى 3-ئايغا قەدەر 22 يىل تۈرمە ساقچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.
ئەمما 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇنىڭ كانادادا ئوقۇۋاتقان ئايالى گۈلشەن خانىم ۋە قىزى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغان. گۈلشەن خانىم سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئېرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان.
گۈلشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېرى ئادىل ياقۇپنىڭ ئەينى چاغدا تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادىل ياقۇپ تۇتقۇن قىلىنىپ 11 ئايدىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە قايتۇرۇلغان، ئەمما خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدىن چىقماسلىق شەرتى بىلەن ئائىلىسىدە نازارەتكە ئېلىنغان.
تۈرمە ساقچىسى ئادىل ياقۇپ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۈندىدار ئارقىلىق كانادادىكى ئايالى ۋە قىزى بىلەن تېلېفوندا قەرەللىك سۆزلىشىپ تۇرغان. گۈلشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېرى ئۇچرىغان ئاچچىق قىسمەتلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ئېرى ۋە يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ خەتەر كېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىز سۈكۈت يولىنى تاللىغان.
ئەمما 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىدە نازارەتتە تۇرۇۋاتقان ئادىل ياقۇپنىڭ 2-قېتىم تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى گۈلشەن خانىمنىڭ ئېرىنىڭ ئەھۋالىنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.
گۈلشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 14-ئاپرېل كۈنى كانادا دۆلەتلىك رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئېغىر بولۇۋاتقان مەزگىلدە تۇتقۇندىكى ئېرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالماسلىقى ئۆزىنى قاتتىق ئەنسىرەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گۈلشەن خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ 15-ئاپرېل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كېلىشى خىتايدا 22 يىل تۈرمە ساقچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئېرىگە ئوخشاش ساقچى خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامىلىش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى