خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ...

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ھەرخىل ئېتبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يارىتىپ بىرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كىلىپ ئىشلەشكە ۋە يەرلىشىشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا خىتاي مائارىپ تارماقلىرى 2020-يىلىغا قارىتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 3500 نەپەر ئالىي مەكتەپ ‍ئوقۇغۇچىسىنى «غەربى قىسىم مۇلازىمەتچىلىرى» دېگەن نامدا شەرقىي تۈركىستانغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغانلار ئاساسىي مائارىپ، يېزا ئىگىلىك، ساقلىقنى ساقلاش، ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇددىتى بىر يىلدىن ‍ئۈچ يىلغىچە بولىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاساسىي مائاشتىن سىرت نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە ياردەم پۇللىرىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئەگەر ئۈچ يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرسە ئۇلارنى ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

بۇ خىلدىكى «غەربىي قىسىم مۇلازىمەتچىلىرى» قوبۇل قىلىش ئېلانىنى شەرقىي تۈركىستاندىكىى بىڭتۇەنلەرگە قاراشلىق تارماقلارمۇ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ خىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ خىزمەتكە چاقىرىق قىلىش دولقۇنىنىڭ 2003-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا 12 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، جۈملىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئالغان نۇرغۇن ياشلار ئىشسىزلىق ياكى لاگېرلارغا قامىلىش قىسمەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن نامدا ئىچكىرىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئەرزان باھالىق ئەمگەك بولۇپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يەتمىش يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نوپۇس كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «روشەنكى، بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلىرى بولۇشقا كېلىدۇ. بۇ ھال مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە» دېدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى