گۈ لى بىلەن شياڭ لىجى ھەر ئىككىسى تەيۋەنگە ياتلىق بولغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كېلىنچەكلەر بولۇپ ، ھەر ئىككىسى  يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىپ تەيۋەنگە قايتىپ بارالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاجرىشىشقا مەجبۇر بولغان ۋە تەيۋەندىكى يولدىشى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەن. بۇنىڭ ئارقىسىدا قانداق ئاچچىق ۋە چارىسىز ھېكايە يوشۇرۇنغان ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول زادى كىم؟

1. ئاجرىشىپ كەتكەن قازاقىستانلىق ئايال ئوقۇتقۇچى گۈلى

گۈ لى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قازاقىستانلىق ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇپ،  ئۇ 2013-يىلى 9-ئايدا تەيۋەنلىك جىڭتيەن  بىلەن توي قىلغان. گۈ لى تەيۋەن ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى ئايلىنىپ ، شۇ يەردە ياشاپ 2017-يىلى 8-ئايدا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ، ئەمما ئۇ شۇ يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولدىشىنىڭ يېنىغا قايتالمىغان.  نەتىجىدە جىڭتيەن 2018-يىلى 3-ئايدا ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغان. گۈ لى سوتقا قاتناشمىغان ۋە يازمىغا جاۋاب قايتۇرمىغان. 2018-يىلى نويابىردا ، تەيچۇڭ سوت مەھكىمىسى گۈلى سوتقا قاتناشمىغان ھەم جاۋاپ قايتۇرمىغان شارائىتتا، ئىككەيلەننى ئاجرىشىشقا ھۆكۈم قىلغان.

بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ، گۈلى تۇيۇقسىز 2019-يىلى 3-ئايدا تەيۋەنگە قايتىپ كېلىپ ، تەيچۇڭ يۇقىرى شۆبىسىنىڭ ئىككىنچى سوت مەھكىمىسىگە مۇراجىئەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇ 2017-يىلى 8-ئايدا ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ، ئەمما ئۇ شۇ يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « كەسپىي تەربىيلەش » دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگىرىغا ماجبۇرىي قامالغان ۋە كېيىنكى يىلى بىرىنچى ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ جازا لاگىرىدا بىر يىل ئىككى ئاي قاماقتا ياتقان. بۇ مەزگىلدە قېيىنئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە يولدىشى ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇ جازا لاگىرىدىكى ۋاقىتتا بارلىق ئەركىنلىكلىرىدىن ئايرىلغان، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەپتىدە بىر قېتىم ئاران 5 مىنۇت پاراڭلىشالىغان.

2. ئاجرىشىشقا مەجبۇرلانغان فالۇنگۇڭ پراكتىكانتى شياڭ لىجى

شياڭ لىجيې جىلىن ئۆلكىسىنىڭ لياۋيۈەن شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇ 1994-يىلى 8-ئايدا تەيۋەنلىك ياڭ جىنيې بىلەن توي قىلغان. تويدىن كېيىن ، ئەر-ئايال ناھايىتى ئىناق ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ، خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇنگۇڭچىلارغا  زىيانكەشلىك قىلغاندا ، شياڭ لىجى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە  تەيۋەنگە قايتىپ كېلەلمىگەن.

شياڭ لىجى لياۋيۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى  تەرىپىدىن ئىككى قېتىم قايتا تەربىيەلەنگەن ۋە تەيۋەنگە قايتىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشى رەت قىلىنغان ، بۇ  سەۋەبتىن ئۇ يولدىشى بىلەن ئۇزۇن مەزگىلگىچە جەم بولالمىغان. قېيناتىسى ۋاپات بولغاندا، تەيۋەنگە قايتىپ ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشالمىغان.

يولدىشى شياڭ لىجىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىشىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدەنگەن، ئەمما ئىلتىماسى يەنىلا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

2006-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ، شياڭ لىجيې لياۋيۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا 11 يىل كېسىلىپ، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىدىكى خېيزۇزى ئاياللار تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە  يولدىشى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ، شياڭ لىجىنىڭ ئاپىسى تەيۋەن تەينەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن ئاجرىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەيىپنامىنى تاپشۇرۇۋالغان.

شياڭ لىجى تۈرمىدىكى ۋاقىتتا،  ئانىسىدىن ئاجرىشىش ئەرزىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، قايتا كۆرۈشۈشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا،  ھېچقانداق تەلەپ قويماي ئاجرىشىشقا قوشۇلغان ۋە ئانىسىغا بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ھەل قىلىشقا  ھاۋالە قىلغان.

3. كىم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزدى

شەرقىي تۈركىستاندا  بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە كىشى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان.خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلدى ، كېيىن ئۇلارغا «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» دەپ ئىسىم قويدى ، ئەمما ئۇلار ئەمەلىيەتتە « جازا لاگىرى » ئىدى.

ئۇيغۇرلاردىن باشقا ، خىتايدىكى  قازاقلارمۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇربانى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئەسلىدە خىتايدا ياشايدىغان نۇرغۇن قازاقلار قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ كەتكەن.  ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى يەنىلا خىتايدا قېلىپ ، « جازا لاگىرىنىڭ » قۇربانلىرىغا ئايلانغان.  گۈ لىنىڭ ئاجرىشىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى«جازا لاگېرى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ، شۇنداقلا خىتايدىكى  ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ چارىسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتايدا فالۇنگۇڭ پراكتىكانتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ، شەخسىي ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان ، يېقىنلىرى بىلەن جەم بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ، ئائىلىسى ۋەيران بولغان. شياڭ لىجىغا ئوخشاش بىر ئائىلە خىتايدىكى سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى خالاس.

تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشلەر نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان،  يولدىشى ۋە بالىلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي مەجبۇرىي ئايرىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاياللار ناھايىتى كۆپ. ئۇلار خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ، ئۆمۈرلۈك بەخىت ۋە خۇشاللىقلىرىنى يوقىتىپ، چەكسىز ئىزتىراپ ۋە سېغىنىش ئىچىدە ياشىماقتا.

مەنبە: https://m.secretchina.com/news/b5/2020/04/16/amp929771.html