.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېڭى قورال-ياراغ كونترول قىلىش ، قورال-ياراغنى كېڭەيتمەسلىك ۋە قورالسىزلاندۇرۇشقا ئەمەل قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى دوكلاتىدا ، ئامېرىكا دائىرىلىرى نەق مەيداندىكى قېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، يەر تەۋرەش،  ۋە رادىئوئاكتىپلىق زەررىچىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپلار ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنور رايونىدا مەخپىي ھالدا كىچىك تىپتىكى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ، بۇنىڭ 1996- يىلى خىتاي ئىمزالىغان خەلقئارالىق يادرو سىنىقىنى ئۇمۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى تەھلىلچىلەر ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىللەرنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۆلچەرلىنىشىچە ، خىتايدا  300 ئەتراپىدا يادرو قورال بار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يادرو قوراللىرىنىڭ  مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى ، تەھدىد شەكىللەنمەيدىغانلىقىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: https://amp.newser.com/story/289612/us-suspects-china-has-violated-nuke-test-ban.html