CNN نىڭ 16- ئاپرىلدا ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسنىڭ « ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بازىرىدىن ئەمەس ، بەلكى ۋۇخەندىكى شۇ بازارغا يېقىن تەجرىبىخانىدىن پەيدا بولغان» دېگەن ئېھتىماللىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇ ھەقتە ھەرقانداق يەكۈن چىقىرىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراش بولسا، مۇشۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشلەر ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئەمەلدارلارنىڭ دېيىشىچە ، ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا يەنە باشقا بىر قاتار نەزەرىيەلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشنى پرېزىدېنتنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزالىرىمۇ قوللىغان.
ھۆكۈمەت تەھلىلىگە پىششىق ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر نەزەرىيە شۇكى ، ۋىرۇس ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدا پەيدا بولۇپ ، مەقسەتسىز ھالدا ئاممىغا تارقىتىلغان. باشقا مەنبەلەر CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ نەزەرىيەنى دەلىللىيەلمىگەنلىكىنى ، ئەمما تەجرىبىخانىدا بىرەرسىنىڭ بۇ ھادىسە ياكى ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى، كېيىن باشقىلارنى يۇقۇملاندۇردىمۇ- يوق، مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئاخبارات مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئامېرىكائىستىخبارات ئورگانلىرى بۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ھەقتىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈۋاتقان.
بىرلەشمە خىزمەتچىلەر باشلىقىنىڭ رەئىسى مارك مىللېي بۇ ھەپتە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدا پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىنى «تەكشۈرۈۋاتقانلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ يەنە سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرغا بەرگەن سۆزىدە، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل- ئىسپاتلار بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق جەزم قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پرېزىدېنت دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى ياخۇ ۋە فوكىس خەۋەرلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئاخبارات ھەققىدە سورالغاندا ، ئامېرىكا «يۈز بەرگەن بۇ دەھشەتلىك ۋەزىيەتنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن ، ئەمما ئۇنىڭغا بۇ بايقاش توغرىسىدا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلغان.
CNN نىڭ ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشنى رەت قىلغان. ئاقساراي كورونا ۋىرۇس خىزمەت ئەترىتىگە مەسئۇل بىر خادىم كىسەللىك بىلەن يۇقۇملانغۇچى بەزى كىشلەرنىڭ بۇ ۋىرۇسنىىڭ تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى دېگەن.
خىتاينىڭ ۋىرۇسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئەيىپلىگەن بىر ئەمەلدار ئاخبارات تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتى 2018-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلىدا دوكلات بېرىپ ، كىشلەرنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەتقىق قىلىدىغان بىئولوگىيىلىك تەجرىبىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئامىرىكا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە چۈشەندۈرۈش بەرمىگەنلىكىنى، ۋۇخەندە خىتاينىڭ تەجرىبىخانىسى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرى بارلىقىنى ، شۇنداقلا بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندە پەيدا بولغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلاپ كۆزەتكەندە، ، بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا ئۇلار بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بىلمىگەن بۇ نۇقتىلارنىڭ جاۋابىنى بىلىشىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
بەزى ئەمەلدارلار خىتايدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى كونتىرۇل قىلىپ كىرىزىستىن قۇتۇلغىچە، بۇ ئىشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: CNN