خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر خەلق مەيدانىدا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلماقتا. 2015-يىلى 15-ئاپرېل، خوتەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2020-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرىكى «مەنزىرىلىك رايونلار ساياھىتى» دىن باشقا يەنە «شىنجاڭ يېزا-بازار ساياھەتچىلىكى» يولغا قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.

«تەڭرىتاغ تورى» دا 14-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ياخشى جاي: كورلادا يېزا-بازار ساياھەت مەركىزى قۇرۇلدى» سەرلەۋھەلىك خەۋەردە بۇ يىل كىرىشى بىلەن كورلا شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن 10 جايدا «يېزا-بازار ساياھەت مەركىزى» قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە كورلا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن ئاۋات يېزا ئۇششاقئېرىق كەنتىدە قۇرۇلغان ساياھەت مەركىزى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان. خەۋەردە يەنە مەزكۇر ساياھەت مەركىزىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىن ئىلگىرى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بۇ ساياھەت مەركىزىنىڭ ئىلگىرىكى مەنزىرە ساياھەت نۇقتىلىرىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقىنىڭ «نەشپۈت ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان كورلانىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قۇرۇلغان يېزا-بازار ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە كورلادا 10 جايدا تەسىس قىلىنغان يەرلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. خەۋەردە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ خىل بازارلاردا يەرلىك مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا يەنە يەرلىك مىللىي ئۇسۇلۇپتىكى خاتىرە بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە كەشتىلەرنى سېتىۋالالايدىغانلىقى، ھەتتا كورلانىڭ يەرلىك مېۋە-چېۋە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ بۇ بازارلاردا سېتىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

كورونا ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى تېخى ئاياغلاشماي تۇرۇپ خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل «يېزا بازار ساياھەتچىلىكى» تەشۋىقاتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
بۇ ھەقتە پىكىر قىلغۇچىلار خىتاي ئېلان قىلغان ساياھەت تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى پۈتكۈل دۇنيادا ۋىرۇس يۇقۇمى ئاپىتى نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىش توختىغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ا «يېزا-بازار ساياھەتچىلىكى» نامىدىكى بۇنداق ئالاھىدە ساياھەت تۈرىنى يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلەرنى خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىشى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئشەرقىي تۈركىستانداا «يېزا-بازار ساياھەتچىلىكى» نى يولغا قويۇشى ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسەتلىرى تېپىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى