新疆喀什維族教師被迫吃漢餐

15- ئاپرىل « زىمىستان تورى» ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتقادى، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىنى يوقىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىىنىڭ دېيىشىچە،  ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ مەكتىپى «چوشقا گۆشى يېيىش» توغرىسىدا مەخسۇس دەرس تەسىس قىلغان ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە ئىدىيىسى ۋە ئەنئەنىۋى خەنزۇ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە مەجبۇرلىغان.  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سىياسىي ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن تەربىيىلەشنى تەلەپ قىلغان. ئوقۇغۇچىلار خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرنى قۇتلۇقلاشقا، زوڭزا ۋە ئايتوقاچ يېيىشكە مەجبۇرلانغان ۋە بۇ ھالال ئەمەس يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئۇلارنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان.

2018 – يىلى ئۆكتەبىردە قەشقەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى خىتاينىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چوشقا گۆشى بىلەن تەييارلانغان قورۇمىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلانغان. ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بۇ تاماقلارنى يېمىسە ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار« ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم»  دەپ قارىلىدىكەن، ھەتتا  « جازا لاگىرى»غا ئەۋەتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر كادىرلارمۇ بۇ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش سىياسىتىدىن قۇتۇلالمىغان. 2019- يىلى 4-ئايدا ، كورلادىكى ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ باشلىقى چوشقا گۆشى يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان.

« جازا لاگىرى» غا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ، 2018-يىلى 11-ئايدا ، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ،جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا چوشقا گۆشى بىرىشنى، ئەگەر يېمىسە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىنى ،  چوشقا گۆشى يېگەنلەرگە ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى دەپ قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى دېگەن.

يېقىندا لاگىردىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇر « زىمىستان قىش»تورىنىڭ مۇخبىرىغا جازا لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چوشقا گۆشى يېمەي ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى دېگەن.

ئۇيغۇرچە سۆزلەش مەنئىي قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇرچە  ماتىرىياللارنى چەكلىگەن.

ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا ، ئۇرۇمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 28 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئىشتىن بوشىتىلغان. بۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ئەڭ يۇقىرى مەكتەپ ئۇنۋانىغا ئىگە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار پەقەت مەكتەپكە قاراش، تازلىق ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىق ئۇششاق ئىشلارنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

كىتاپخانا ئاچقان بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە سىياسەت، ئىدىيىلىرىنى ئۆگۈنىدىغان بەش كۈنلۈك « سىياسىي ئۆگۈنۈشكە » قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە دۇكان تاختىسىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقلار سەۋەبىدىن باشقا سەككىز نەپەر دۇكاندارمۇ بىللە ئۆگۈنۈشكە مەجبۇر قاتناشقان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر يەرلىك ئاھالىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئاممىۋى ئۇقتۇرۇشلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، ھەتتا ئۇيغۇرچە يېزىلغان داۋالاش خاتىرىلىرىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن.

ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  پەقەت خىتاي تىلىنىلا ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلى بارلىق مائارىپ سېستىمىلىرىدىن سىقىپ چىقىرۋېتىلگەن.

ئاپتونوم ايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى 2017-يىلى 6-ئايدا ھۆججەت ئېلان قىلىپ ، يەسلى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقا بارلىق پائالىيەتلەرنى پەقەت خىتاي تىلىدىلا قىلىشىغا يول قويىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. قەشقەردىكى بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى مەكتەپلەردە  پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە ماسلىشالماي ، كەلگۈسى بۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ۋەيران بولىشدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇتۇشقا ماسلىشىشى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ يىل بويى ئاران 20 كۈنلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە  تەتىل كۈنلىرىدىمۇ خىتاينىڭ كارتون فىلىملىرىنى كۆرۈشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتايچىنى مەجبۇرىي ئۆگۈنۈش شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق يېزىلارغىچە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ،  قەشقەردىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە، يېزا كەنىتتىكىلەر مەيلى قېرى ياكى ياش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، چوقۇم ھەر كۈنى كەچتە يېزىغا يىغىلىپ ، ئىككى سائەت خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى ۋە قەرەللىك ئىمتىھان بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە كىشلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن « قوشماق تۇغقان» بولۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى دېگەن.

 

مەنبە: « زىمىستان » تورى