خوتەندىن 174 ئۇيغۇر خىتاينىڭ چاڭشا شەھىرىگە ئەۋەتىلدى

ۋۇخەن كورونا  ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە تېز سۈرئەتتە ئېشىپ مېڭىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانىدا تولۇق كونتروللۇقنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 14-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا شۇ كۈنى يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 89 بولۇپ، بۇلاردىن پەقەت ئۈچ نەپىرى خىتاي تەۋەسىدىن بايقالغان. قالغانلىرى پۈتۈنلەي چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى ئىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ نۆل ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلاردىن ئىزچىل گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ، «بۇ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېمەكتە ئىكەن.

ئەمما CBS ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ۋىرۇسنىڭ يۇقىرى دولقۇنىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. خىتايدا ئالامەتسىز بىمارلارنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىشى ھەمدە يېقىنقى مەزگىللەردە بىكار قىلىنغان شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىدىن كېيىن ۋۇخەندىن زور ساندىكى خىتايلارنىڭ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن خىتاي شەھەرلىرىدە يەنىلا قورقۇنچ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چۆلدەرەش مەنزىرىسى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى