«شىنجاڭ گېزىتى تورى» نىڭ 13- ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە ئېلان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىغا كۆكتات تېرىشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان رايونىنى مۇشۇ ھويلا ئاراملاردا تېرىلغان كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە ئىكەن. يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشلەر ئىستىمال قىلىۋاتقان كۆكتاتلارنىڭ ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلا -ئاراملىرىدا تېرىغان كۆكتاتتىن كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ « كىرىمنى ئاشۇرۇش » باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا ئاراملىرىغا كۆكتاتلارنى مەجبۇرىي تېرىتىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا – ئاراملىرىنى ئۆز ئەركىنلىكى بويىچە خالىغانچە ئىشلىتىش ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋالغان.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى»