«دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلۇپ، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەن ئائىلە ئايالى ئايگۈل تۇراخان ئىككى نەۋرىسى بىلەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، تېكەس ناھىيەسىدىن نوپۇسىنى يۆتكىگەنلىكى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان ئائىلە ئايالى ئايگۈل تۇراخان تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا «قول تېلېفونى ئارقىلىق دىنىي مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى باشقىلارغا تارقاتقانلىقى بايقالغان» لىقى ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماققا كېسىۋېتىلگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تېكەس ناھىيىسىدە قاسساپلىق قىلىۋاتقان مەمەتئەلى ئابدۇرىشىت تىجارىتىنى غۇلجا شەھىرىدە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 2010‏-يىللارنىڭ بېشىدا ئايالى ئايگۈل تۇراخۇن ۋە ئوغلى شىرئەلىلەر بىلەن بىرلىكتە غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. 2017‏-يىلىشەرقىي تۈركىستاندا  لاگېرلارغا ئادەم توپلاش باشلانغاندا كۆچمە نوپۇستىكىلەر ئاساسلىق بىر نىشان بولغان. نەتىجىدە مەمەتئەلى ئابدۇرىشىت ئايالى بىلەن بىرلىكتە لاگېرغا ئەكېتىلگەن. لاگېردىكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش» ۋە تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا ئايگۈل تۇراخۇننىڭ قول تېلېفونى ئارقىلىق ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» مەزمۇندىكى بىر ماتېرىيالنى بىر قانچە تونۇشلىرىغا يوللىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ قىلمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» دەپ قارالغان. دائىرىلەر سوتسىز چىقىرىلغان بىر ھۆكۈم ئارقىلىق ئايگۈل تۇراخۇننى 2019‏-يىلنىڭ بېشىدا 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تەمىنلىگەن نوپۇس تىزىملاش كارتىسىدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا ئايدا دەل 49 ياشقا كىرگەن ئايگۈل تۇراخۇن بىر مەھەل غۇلجا شەھەرلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان.

خەنبىڭ يېزىسىدىكى كەنت كادىرلىرىدىن بىرى ئايگۈل تۇراخۇننىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.  بۇ خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېردىكى سوراقتا مەسىلە تاپشۇرۇش داۋامىدا ئۇ ئۆزىنىڭ قول تېلېفونىدىن بايقالغان دىنىي ماتېرىياللىرىنى بىرقانچە تونۇشىغا يوللىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. بۇ ئىقرار ئۇنىڭ ئاتالمىش «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە قۇتراتقۇلۇق» قىلمىشىغا پاكىت قىلىنغان.

بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن خەنبىڭ يېزىسىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىدە ئايگۈل تۇراخۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرقانچە كىشىنىڭ جازا ھۆكۈمىنىڭ ئۇقتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەنە ئاشۇ ئايگۈل تۇراخۇن دىنىي ماتېرىيالنى يوللىغان كىشىلەر ياكى باشقىلار ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

كەنت خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەمەتئەلى ئابدۇرىشىت لاگېردا 1 يىل 4 ئاي ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن پەرەز قىلىشىچە، نوپۇس يۆتكەش ئايگۈل تۇراخۇننىڭ بىر مەزگىلدە لاگېردا يېتىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ كېسىلىشىگە قول تېلېفونىدىكى «دىنىي ماتېرىيال» باھانە قىلىنغان. ئاشكارىلىشىچە، ئايگۈل تۇراخۇن نۆۋەتتە غۇلجا شەھەر بايكۈلدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى