كوچىدىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئاستىدا كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ئاقتۇ.

بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە مائارىپ ساھەسىنىڭمۇ تەرەققىياتى زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىندا «شىنجاڭ گېزىتى» 2020-يىلى-9 ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 2020-يىللىق 1-تۈركۈمدىكى مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى مەجبۇرىي مائارىپى مەكتەپلىرى، تولۇق كۇرس ۋە ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان ئالتە مەخسۇس تۈرگە جەمئىي 986 مىليون يۈەن ئاجراتقان. خىتاي دۆلەت خامچوتىدىن ئاجرىتىلغان بۇ زور مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە نىشانى ھەققىدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرى قاتارلىق مەنبەلەردىن بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش مۇمكىن.

«خەلق تورى» نىڭ بۇلتۇر 3-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 2-ئاپرېل «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» نى تارقاتقان بولۇپ، توققۇز تۈرلۈك ئاساسلىق تەدبىر ئارقىلىق، تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇچۇر ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

بۇنىڭدا: «2022-يىلىغا بارغاندا، دەل جايىدا توغرا باھالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ساپاسى تەرەققىياتى يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېيىلگەن.

«ئۈرۈمچى مائارىپ خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بۇلتۇر 19-دېكابىر تارقاتقان خەۋىرىدىن خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى تەلىپىنىڭ بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى باغچە مائارىپىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەزى سىناق نۇقتىلىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن مەكتەپلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، يەنى ئۇچۇرلاشقان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ ساھەسىگە كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولغان.

سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ نىشان ۋە مەقسىتى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ تارماقلىرىدىن تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگەللەش جەريانىدا قۇمۇل ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش ئىشخانىسىدىن ليۇ مۇئەللىم ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك پىلانى، مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلار مەكتەپتە مەخسۇس ئوقۇتۇش سانلىق ئۇچۇر ئامبىرى مەركىزى، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتۇش مەركىزى ھەمدە ئىدېئولوگىيە ۋە ئەخلاق تەربىيە مەركىزىدىن ئىبارەت 3 چوڭ مەركەزنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ باشقۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرماقتىكەن.

ئۇنىڭدىن بۇ خىل يۇقىرى پەن تېخنىكا ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى سورالغىنىدا،  ئۇ تېلېفوننى يەنە بىر ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن.

بۇ ئايال ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ يېقىندا يۇقىرى تېخنىكا بويىچە دەرس ئۆتۈش يىغىنىغا ۋە كۇرسىغا قاتنىشىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سېپىدا ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي دوسكىنىڭ ئورنىغا ئېلېكترونلۇق دوسكا ئارقىلىق يۇقىرى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ سۈرەتلىك ۋە جانلىق دەرس ئۆتكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى سۆزلىگەن. ئۇلاردىن «بۇ خىل يۇقىرى پەن تېخنىكىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن باشقا مەكتەپ باشقۇرۇشقىمۇ ئىشلىتىلەمدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىشتا قانداق تەدبىقلىنىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىغان سوئالغا جاۋاپ بەرمىگەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن تېلېفوننى ئالغان خادىم، ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئىنژېنېرى ئىكەنلىكى، بۇ سىستېما مەكتەپكە بۇلتۇر ئەتىيازدا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن باشقا ھەقىقىي تۈردە ئۇچۇرلاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىق سىستېمىنى ئۇلاش ئۈچۈن ئۇچۇر يۇمتالى ۋە تېخنىكىدىن باشقا تور مۇھىتى كېتىدىكەن. بۇ ئىشخانا تور مۇھىتىنىڭ ئېقىمىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، تورنى سىنىپلارغا ئورنىتىلغان كامېرا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يانفونلىرىنىڭ سىستېمىسىغا ئۇلاشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ئۆزى تۇرغان كۆزىتىش ئۆيىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپقا قاچان كىرگەن، تورغا قاچان ئۇلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدىكەن ھەمدە يۈز تونۇش سىستېمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بارلىق مەشغۇلاتىنى كۆرۈپ تۇرالايدىكەن.

ئۇ يەنە نۆۋەتتە يۇقىرىنىڭ تەلىپى ۋە پىلانى بويىچە، ھەر بىر سىنىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈستىدىنمۇ ئېلېكترونلۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان ساندىنىغا قاچىلىنىپ ئارخىپلاشتۇرۇلىدىكەن ۋە قەرەللىك ئانالىز قىلىنىپ، ئوقۇتۇش نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات تەييارلىنىدىكەن.

ئۇنىڭدىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاپپارات ئارقىلىق كۈزىتىلىۋاتقىنىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقى سورالغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئەلۋەتتە دەسلەپ ئوقۇغۇچىلار بىلمىدى، كېيىن بۇ سىستېمىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئادەتتە دەرسكە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىمۇ بىردىنلا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ دىققەت قىلىپ ئاڭلايدىغان بولدى».

«بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردىنلا دەرسكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ دەرسنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟» دەپ سورالغىنىدا،  ئۇ يەنە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ دىققەت بىلەن ئولتۇرۇشى ئۇلارنىڭ ياقتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، لېكىن بۇ ئارقىلىق بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەيمىز. يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپتىكى ئىپادىلىرى قوش ئارخىپقا كىرگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن سانلىق مەلۇماتلار بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قانچىلىك دىققەت قىلغىنىنى، ۋاقتىدا مۇئەللىم سورىغان سوئالنى كۆرۈپ قانچىلىك ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنىمۇ كۆزىتىمىز، شۇڭا بۇ سىستېما ئوقۇغۇچىنى باشقۇرمايدۇ، ئەمما بۇ سىستېما ئارقىلىق ئوقۇتۇش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.»

«ئۇنداقتا بۇ خىل كۆزىتىش سىستېمىسىنى مەكتەپلەرگە ئومۇملاشتۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس مەبلىغى ۋە بۇيرۇقى بويىچە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىتىمۇ؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«ئەلۋەتتە بۇنىڭدا مەكتەپ خالىغانچە ئېلىپ بارىدىغان ئىش يوق، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىم سۈپەت تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىمىزدا ئەلۋەتتە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بولىدۇ، لېكىن بۇ تېخنىكا ھېسسىياتسىز سوغۇق بىر شەيئى، بىز بۇ يۇقىرى پەن تېخنىكا ئارقىلىق باشقۇرغاندا ئوقۇغۇچىلاردا كۆنەلمەسلىك كۆرۈلىدۇ، ئەمما بىز يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن تەلەپكە لايىق ئۆگىنىش قىلىدىغان بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەيمىز. ھازىر باشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رىقابەت مۇشۇ. تور بوشلۇقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقىمىز 4 گ. بۇنىڭ تور ئېقىمى ياخشى».

جاڭ ئىنژېنېر مەكتەپتە قايسى خىلدىكى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەنلىكى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

گەرچە پەن تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەم زەھەرلىك بور ۋە دوسكىدىن ئازاد قىلىش مائارىپنىڭ تەرەققىياتى سانالسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھە ۋە ھەر قاتلاملىرى، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاستىغا ئېلىنغان ھەمدە بۇ خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان  خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش تەجرىبىخانىسىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ئوخشاشلا تەنقىدكە ئۇچرايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، سىنىپلارغا كامېرا بېكىتىشى، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىمۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى