تەيۋەندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئاقىللار ئامبىرى بولغان دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنى (INDSR) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتايدىكى زاۋۇت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يۆتكەلگەن.
دوكلاتقا قارىغاندا ،خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى (CCP) ھازىرقى قىيىن شارائىتلاردا كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدىكى ، قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە قارشى تۇرۇش پۇرسىتى بولمىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى نورمال داۋاملاشتۇرغان. جازا لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا خىتاينىڭ كۈندىن- كۈنگە چېكىنىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمگەك كۈچىگە ئايلانغان .
خىتاي تەتقىقاتچىسى ۋە يازغۇچىسى سۇن يەن ۋاڭ 2- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ ئىشەنچىلىك ئىسپاتلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاتالمىش « جازا لاگېرى» دىن خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.
مەنبە: Mıllı Duşunce Merkezı