«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مېدىيا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى بايان-شەرھلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر. 2020-يىلى 10-ئاپرېل.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مېدىيا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى بايان-شەرھلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش تاكتىكىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي مېدىيا بەتلىرىدىن ئېلانلارنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كورونا ۋىرۇسىغا قايتۇرۇلغان دۇنياۋى ئىنكاسلارنى قايتا شەرھلەشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇرۇنۇشلىرى فېيسبۇكتىن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىنگلىز تىللىق ئاخباراتلار ئۈچۈن ئېلان سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ خەۋىرىنى بازارغا سېلىشى، ھەتتا بەزىدە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا قايتۇرغان ئىنكاسىنى ناچار قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«خاتىرىلىگەن كەلگۈسى» ناملىق تور بىخەتەرلىكى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل فېۋرالدىن، مارتنىڭ بېشىغا كەلگۈچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي ئاخباراتلارغا كۈنىگە 3 مىڭ 300 پارچە ئۇچۇر چاپلىغان. بۇ خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئادەتتىكى ئۇچۇر چاپلاش نىسبىتىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولغان.

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، «ستانفورد ئىنتېرنېت رەسەتخانىسى» ناملىق تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى ۋانېسسا مولتېر خىتاينىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان سىياسىي ئېلان تارقىتىش ئۈچۈن فېيسبۇكتىن 200 دىن ئارتۇق ئېلان ئورنى سېتىۋالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆتكەن ئىككى ئاي جەريانىدا سېتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى