ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى بىلەن خىتايدا ئىرقچىلىق ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش كۈچەيگەن.
شياڭگاڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا بۇ ھەپتە كىشىلەرنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى، گۇاڭجۇدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىروسقا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن چەتئەللىكلەرگە قارشى كەيپىيات قوزغالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان . خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەردە ، ئافرىقىلىقلار ئۆي ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، مېھمانخانىلارغىمۇ كىرگۈزۈلمىگەن.
CNN مۇخبىرلىرى گۇاڭجۇدا ياشايدىغان 20 نەچچە ئافرىقىلىقنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشاش كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بەرگەن. يەنى، ئۆيسىز قېلىش.
گۇاڭجۇدا ئۇزۇندىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئافرىقىلىقلار باربولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2017-يىلى تەخمىنەن 320،000 ئافرىقىلىق گۇاڭجۇ ئارقىلىق خىتايغا كىرىپ چىققان. ئۇلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سودا ۋىزىسى بولغاچقا، ئۇلار يىلدا بىر قانچە قېتىم خىتاينىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ساياھەتكە بارىدىكەن.
خىتايدا ياشاۋاتقان ئافرىقا ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلارنىڭ ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ھازىر پەيدا بولغان يېڭى ئىش بولماستىن ، بۇرۇندىن ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش، چەتكە قېقىش بار ئىكەن. ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن بۇيان، خىتايلارنىڭ ئۇلارغا ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئامېرىكىنىڭ گۇاڭجۇدىكى كونسۇلخانىسى ئافرىقا-ئامېرىكىلىقلارنى باشقا شەھەرلەرگە ساياھەتكە بارماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، كونسۇلخانا باياناتىدا يەنە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى تارماقلارنىڭ چەتئەللىكلەرگە بولغان تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەنلىكى، ۋىرۇس يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، ساقچىلارنىڭ رىستۇران ۋە قاۋاقخانىلارغا كىرگەن ئافرىقىلىق خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلماسلىققا بۇيرۇغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىر قاتار مەجبۇرىي سىناقلارنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي كارانتىن قىلغانلىقى ، ئافرىقا- ئامىرىكىقلارنىڭ بەزەن كارخانا ، مېھمانخانىلارنىڭ ئۇزلىرى بىلەن سودا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغانلىقىنى دېگەن.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تولۇق ئىشلىتىشنى خالىمىغان نىگېرىيە مال سودىگىرى CNN مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ، ئۆزى ۋە دوستلىرىنىڭ مېھمانخانىغا بارسا، مېھمانخانىدىكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئافرىقىلىقلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە قارارى بارلىقىنى دەپ، ئۇلارنى كىرگۈزۈشنى رەت قىلغان. ئۇلار ئۆي- ماكانسىز قېلىپ ، سىرتلاردا تۈنەشكە مەجبۇر قالغان.
دەرۋەقە ئۇلار ئېيتقاندەك، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا گۇاڭجۇ كوچىلىرىدا ، يۈك-تاقلىرىنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋاتقان بىر قاتار ئافرىقىلىقلارنىڭ تۇرالغۇسىدىن قوغلانغان ياكى مېھمانخانىدىن قايتۇرۇلغان سۈرەتلەر توردا تارقىلىشقا باشلىغان.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى سەھىيە تارماقلىرى ۋە گۇاڭجۇ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى CNN مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىشىچە، « خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى بارلىق چەتئەللىكلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ھەر خىل پەرقلىق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدىكەن ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆز ۋە ھەرىكەتلەرگە قىلچە يول قويمايدىكەن ». ھالبۇكى ، گۇاڭجۇ ۋە باشقا شەھەرلەردە ئافرىقىلىقلار ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە مېھمانخانىلارغىمۇ كىرگۈزۈلمىگەن، ئامالسىز سىرتلاردا تۈنەشكە مەجبۇر بولغان.