ياپونىيە 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم ئاجرىتىپ، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايدىن يۆتكىشىگە ياردەم بەرگەن.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋۇخەن كورونا ۋىرۇس ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايدىن يۆتكىشىگە ياردەم بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە يەنە قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ياپونىيەگە قايتۇرغان شىركەتلەرگە 2 مىليارد دوللار ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىمەكچى بولغان شىركەتلەرگە 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ياردىمى قىلىشنى پىلان قىلغان.
فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى پىتىر ناۋاررو بۇندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىش ياكى ئۇنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
«سامسۇڭ» شىركىتى بولسا 2019-يىلىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تېلېفون ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلىرىنى تاقاشنى باشلىغان بولۇپ، 10-ئايدا خىتايدىكى ئاخىرقى زاۋۇتىنى تاقىغان ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى