10- ئاپرىل خىتاينىڭ « شىنجاڭ گېزىتى» تورىدا ئاشكارىلىشىچە، 3- ئايدا، ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 841 مەسىلە تەكشۈرۈلۈپ،  940 كىشى جازالىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان. جازا بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك ئالتە كىشى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 11 كىشى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن 279 كىشى بار ئىكەن. لېكىن خەۋەردە ئۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بېيجىڭنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان» دېگەننى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنى مەقسەتلىك تازىلاۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى 3 يىلدا ئېلىپ بارغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش»، «رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش» ھەرىكەتلىرىدە ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر كادىرلار تازىلانغان.

مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»