شىرئەلى مەمتىلى(ئوتتۇرىدا) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

ئىنكاس قىلىنىشىچە، غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تاكسى شوپۇرى شىرئەلى مەمەتئېلى 2018-يىلى 11-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 6 ئايدىن كېيىن 16 يىل 8 ئايلىق كېسىۋېتىلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ مەلۇم بىر ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي زاتنى ماشىنىسىدا ئېلىپ ماڭغانلىقى ۋە ئۆزىمۇ بۇ زاتتىن دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقان.
غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىدا تاكسىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان شىرئەلى مەمەتئېلى 2018-يىلى 11-ئايدا غۇلجا شەھەر ئىچىدە تاكسى ھەيدەۋاتقان مەزگىلىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن؛ ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ قايسى قاماقخانىدا ياكى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىدىن ئۇنىڭ 16 يىل8 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئېغىزاكى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. خادىملار، بۇ ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزۈش داۋامىدا، ئۇنىڭ قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ۋە قانۇنسىز توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى يەتكۈزگەن.
خەنبىڭ يېزىسىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى كەنت كادىرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، شىرئەلى مەمەتئېلى دائىرىلەر قانۇنسىز دىنىي زات دەپ تۇتقۇن قىلغان بىر دىنىي زاتنى ئىلگىرى بىر قېتىم تاكسىسىدا ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ بەش يىل ئاۋۋال بىر قېتىم تەبلىغگە قاتناشقانلىقى مەلۇم بولغان؛ دائىرىلەر يۇقىرىقى ھەر ئىككى ئىشنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش دەپ قارىغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4 ۋە 6 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بولغان شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئېغىر پاراكەندىچىلىك پەيدا بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، شىرئەلى ئۈستىدىن مەخپىي بولسىمۇ بىر سوتنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمىغان مەزكۇر ئائىلە تا ھازىرغىچە شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ قايسى تۈرمە ياكى ياكى جازا لاگېرىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپالمىغان.
غۇلجادىكى مەلۇم بىر ئەدلىيە ئارخىپ ئىدارىسى خادىمى، شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ 16 يىل 8 ئايلىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ نۆۋەتتە شىخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، مەھبۇس شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ ئارخىپىدا، ئۇنىڭ قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئالغانلىقى يېزىلغان؛
ئىنكاس قىلىنىشىچە، شىرئەلى مەمەتئېلىنىڭ 49 ياشلىق ئانىسى ئايگۈل تۇراخۇنمۇ ئۆتكەن يىلى 10 يىللىق كېسىلگەن؛ دادىسى مەمەتئېلى ئابدۇرېشىت لاگېردا بىر يىل 4 ئاي ياتقاندىن كېيىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى