مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە نۆۋەتتە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئون دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 47 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە 1006 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2423 كىشى ساقايغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئائىت ئاۋازلىق ئۇچۇرلار ۋە قىسقا يازمىلار تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشەلەنمەكتە ئىكەن.
ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرى يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ۋىرۇس ياردەم مەركىزى خادىملىرىدىن مەرۋە خانىمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ياردەم پائالىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىۋاتقان سۆز-چۆچەكلەر ھەققىدە توختتۇلۇپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلاردىن يۇقۇملانغانلار بولسىمۇ، تېشىدا يۈرۈپ ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇۋاتقان ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى، دىياگنوز قويۇلغانلار ياكى دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى كارانتىنغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، كوچىدا يۈرۈپ بىر-بىرىگە يۇقتۇرۇۋاتقان ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
«يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» دىن ئابدۇرېشىت ئەمىن ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ كىشى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى دىياگنوزى قويۇلغان بولۇپ، بىر كىچىك بالا بىلەن بىر ئەر كىشى داۋالىنىپ ساقايغان، يەنە بىر ئايال دوختۇرخانىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆيىدە ئۆزىنى كارانتىنغا ئالغان.
تۈركىيەدە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋە بۇ ۋىرۇس جەريانىدىكى تەدبىرلەر خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بۇ جەرياندا تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، تۇل ئايال، يېتىم-يېسىرلار، ۋىرۇس كرىزىسى سەۋەبلىك كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەر قىيىن ئەھۋالدا ئىكەن.
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ۋىرۇس بىلەن بولغان كۈرەشتە سەھىيە ساھەسى بىۋاسىتە چوڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى، داۋالاش خىزمىتىدىكى ئىقتىسادىي بېسىم، دوختۇرخانا يېتىشمەسلىك، داۋالاشقا ئىشلىنىدىغان دورا ۋە تېببىي مەھسۇلاتلارنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىق ئەھۋاللار پۈتۈن دۇنيا ئۇچراۋاتقان سەھىيە مەسىلىسى ھېسابلىنىدىكەن.
تۈركىيەدە سەھىيە ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىغا قارشى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى