ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق گۈلمىرە «ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر قىزى» نامىدىكى يوتۇب قانىلىدا ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تۈرك تىلدا تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرۈرمەنلىرىگە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.
گۈلمىرە 2012-يىلى تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىگە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى ياخشى ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئويلاپ، ئاخىرى ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىققان. ئۇ بولسىمۇ لەڭمەن، پولۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تونۇلغان تاماقلىرىنى ئېتىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئاشۇ خىل مەززىلىك تاماقلارنى ئىجاد قىلغان خەلقنىڭ ھازىرقى كۈندە كۆرۈۋاتقان زۇلۇمىنى كۆرۈرمەنلىرىگە ئاڭلىتىش.
گۈلمىرە مۇشۇ خىلدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق دەردىنى ئاڭلىتىشنى تاللىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىرىنچىدىن ئۆزۈم تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىشىلەرگە دەردىمىزنى ئاڭلاتقاندا ھەم ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغان ۋە ئۇلار پايدىلىنالايدىغان بىر ئۇسۇلنى تاللىشىمىز كېرەك».
«ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر قىزى» ناملىق يوتۇب قانىلىنىڭ 300 دىن ئارتۇق تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزاسى بار بولۇپ، ھەر بىر ۋىدىيونىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى مىڭدىن ئاشقان. ھازىرغىچە لەڭمەن، پولۇ، مانتا قاتارلىق 8 خىل تاماقنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان. ھەر بىر خىل تاماقنى ئېتىش جەريانىدا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن، ئۇ تاماقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەھەرلىرىدە بەكرەك مەشھۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇ شەھەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھازىر لاگېردا، تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈرمەنلىرىگە ئاڭلاتقان. ۋىدىيونىڭ ئاستىغا كۆرۈرمەنلەردىن: «گۈلمىرە خانىم، تاماقلىرىڭىزنى بەك ياخشى كۆردۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەر تاپتۇق. داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇڭ. سىزگە رەھمەت!» دېگەندەك ۋە باشقا مەزمۇندا نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشكەن.
گۈلمىرەنىڭ ئۇيغۇرتائام مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بۇ ئۇسۇلدا تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىشى ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بەرگەن بولۇپ، تۈرك تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنگەن ۋە ياخشى ئىنكاسلاردا بولغان. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈمىد قىلىپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن.
گۈلمىرە بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋىدىيولىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلرىنىمۇ ئاڭلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئاخىرىدا گۈلمىرە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئەمما، تېخىچە بىر ئىش قىلالمايۋاتقان ياشلارغا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىۋاتقان زۇلۇم بەك ئېغىر، لېكىن بىزنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرۇۋاتقان ئىنكاسىمىز يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارايمەن. بىر كېسەك، بىر كېسەكتىن قويۇپ كۈچلۈك بىر تام قوپۇرغىلى بولىدۇ. ھەممىمىز ئاشۇ بىر كېسەكنىڭ رولىنى ئوينىساق».
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى