ھايۋاناتلار پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ،خىتايدا ھەر يىلى 10 مىليون ئىت ئىستېمال قىلىنىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىكەن.
خىتاي يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى مەخسۇس قارار ئېلان قىلىپ ، قايسى ھايۋانلارنىڭ گۆش ۋە يۇڭىدىن پايدىلىنىش ياكى داۋالاش مەقسىتىدە بېقىشقا بولىدىغانلىقىنى ، بۇ يېڭى تىزىملىكتە ئىت ۋە مۈشۈكلەرنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پۈتۈن دۇنيادا رەسۋا بولغان خىتاي تۇنجى قېتىم ئامالسىز ئىت بىلەن مۈشۈكنى يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلار قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ قارار 2-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋا ھايۋانلارنى ئېلىپ-سېتىش چەكلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قارارلار قەغەز يۈزىدىلا قالىدىغان بولۇپ، خىتاي يەنىلا خىتايلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
مەنبە: arabic.rt