الناشطون يطالبون بإلغاء حظر الكمامات

نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇلاردىن ماسكا تاقاشنى تەلەپ قىلىدۇ.  ئەمما شياڭگاڭ ئاھالىلىرى يۇقۇملىنىشتىن ئىلگىرى چىقىرىلغان قارار سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ماسكا تاقىشى چەكلەنگەن. تەنقىدچىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، « ماسكىنى چەكلەش قانۇنى»نىغا ئاساسەن ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاماق جازاسى ۋە جەرىمانە بىلەن جازالايدىكەن.

ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،شىياڭگاڭ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ نامايىشنى چەكلەش ئۈچۈن ، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىپ، يۈزنى ئېتىۋېلىشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ماقۇللىغان.

بەزى سىياسىي پائالىيەتچىلەر شياڭگاڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ماسكا  تاقاشنى چەكلەيدىغان قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى .چۈنكى ھازىرقى ۋاقىتتىكى مۇھىم نۇقتا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئىكەن.

مەنبە:   عربيه sky news