Çin virüsü yarım milyar kişiyi yoksul bırakacak

« خەۋەر نىدا » تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا دېيىلىشىچە، ۋۇخەن كورونا ۋىروسى دۇنياغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشلەرنى يۇقۇمدۇرۇشى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادى زور خەتەرگە دۇچ كەلگەن. ئوكسىفام دوكلاتىغا قارىغاندا، يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەن. دوكلاتتا يەنە يېرىم مىليارد كىشىنىڭ نامراتلىققا دۇچ كىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ يەرشارى سودىسىنىڭ% 32 تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى 5 تىرىليون دوللار زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتىكى تەھلىلگە قارىغاندا ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ توختىشى سەۋەبىدىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ% 6 تىن% 8 ى  نامراتلىشىپ كېتىدىكەن.

 

مەنبە: HABER NIDA