ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماركو رۇبىيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر نوپۇزلۇق ئەزاسى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «لاياقەتسىز»، دەپ ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەكتۇپتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا خەلقئارانى ئالدىشى زور خەۋپ يارىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ھەرقانداق ئىشەنچىنى يوقاتقان. شۇڭا ئۇنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىدىكى ئورنى لاياقەتسىز، دەپ ئېلان قىلىنىشى كېرەك» ئىكەن.
مەكتۇپتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھەقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك خورلاشتەك جىنايىتىگە دائىر مۇكەممەل ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا، «خىتايدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇ ئەھۋالنى كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك قىرغىنچىلىق، دەپلا ئىپادىلەشكە بولىدۇ» دېيىلگەن.
مەزكۇر مەكتۇپ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ 31-مارت كۈنى خىتاينى ب د ت نىڭ 5 كىشىلىك مەزكۇر كومىتېتىغا تاللىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئارقىدىنلا يېزىلغان. مەركىزى گوللاندىيەدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ تاللىنىشىغا قارشى چىققان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تاللىنىشى بۇ ئورۇننىڭ قانۇنىيلىقىغا سوئال پەيدا قىلىدىكەن.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى دىرېكتورى فېرناندو بۇرگېس بۇ ھەقتىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئالدى بىلەن بۇ يەردە ئۇنىڭ قانۇنىيلىقىغا قارىتا سوئال بار. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى قورقۇنچلۇق خاتىرىسىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆزى ئىشەنچ مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بۇنداق بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنى تەيىنلەيدىغان بىر ئورۇنغا تاللىشى پۈتكۈل قۇرۇلمىنىڭ مۇرەسسەۋازلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ئىككىنچىسى، بۇ قارار يەنە خىتاينىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارنى تەنقىدلەش مېخانىزمىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى».
جەنۋەدىكى «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە. ئوممان 31-مارت كۈنى ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكى دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ بۇ ئورۇنغا تاللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتى 2-ئاپرېل كۈنى ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قارارىنى «بىمەنىلىك» ۋە «ئەخلاقسىزلىق» دەپ تەنقىدلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئاۋاز قوشقان ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كوردىناتورى(ماسلاشتۇرغۇچىسى) پېتېر ئېرۋىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى جەھەتتە لاياقەتسىز بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنىكەن. پېتېر ئېرۋىڭ 8-ئاپرېل زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى جەھەتتە لاياقەتسىز بولۇپلا قالماي، ب د ت مېخانىزمى بىلەن ھەمكارلىشىشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي ب د ت نىڭ دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ھەقلىرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدىكى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا نەچچە يىللار بولدى. خىتاي بۇ جەھەتتىكى ئاز دېگەندە 17 تەلەپكە ياق، دەپ جاۋاب بەردى. بىزنىڭ پىكرىمىز شۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى دەھشەتلىك بولۇپلا قالماي، ئۇ ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىش جەھەتتىمۇ لاياقەتكە توشمايدۇ».
پېتېر ئېرۋىڭ مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خاتىرىسىنى تەنقىدلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى بۇ ئورۇنغا قويۇشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان ھېچقانداق تەكشۈرگۈچىنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. بۇ مەزكۇر ئورگاننىڭ كەلگۈسى 6 يىللىق خىزمىتىگە تەسىر قىلىدۇ. بۇ جەرياندا قوبۇل قىلىنغان تەكشۈرگۈچىلەر خىتاينى بۇرۇنقىدەك تەنقىد قىلمايدىغان كىشىلەر بولۇپ قالىدۇ».
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى فېرناندو بۇرگېسنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇ جەرياندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ب د ت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا كاشىلا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ 8-ئاپرېل زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «بىز ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بېيجىڭپەرەس مۇتەخەسسىسلەرنى تەيىنلەپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭنى تەنقىد قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. بۇ يەردە يەنە كۈنتەرتىپ مەسىلىسى بار. ب د ت غا مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى كېلىدۇ. ب د ت دىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولالمايدۇ. ئۇنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ تىزىملىكىنى تۇرغۇزىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئارقىسىغا تىزىپ قويۇلۇشى، ھەتتا كۈنتەرتىپكە قويماسلىق ئېھتىماللىقى بولىدۇ».
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ب د ت باش كاتىپىغا يازغان مەكتۇپىغا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، مارشا بلەكبۇرېن، تەد كرۇز، جون كرونىن، جەيمىز ئىنخوف، مارشا مىكساللي، كەۋىن كرېمىر قاتارلىقلار ئىمزا قويغان. مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا ب د ت باش كاتىپىنىڭ «ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە ئالاقىدار ئورتاق قىممەت قارىشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خىتاي ۋەكىلىنىڭ ب د ت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتۈشىنى توختىتىلىشى» تەلەپ قىلىنىپ، «بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىشىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى