خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن خىتايغا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى  جېنىغا زامىن بولغان غوجا ئابدۇللا ئەپەندى دوختۇرخانىدا قۇتۇلدۇرۇلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن 1995-يىلى، ئىستانبۇلغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن غوجا ئابدۇللا دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇل مالتەپە مېدىكال پارك دوختۇرخانىسىدا ياتقان بولۇپ، 9-ئاپرېل كۈنى چۈشكە يېقىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 8-مارت كۈنى قۇرۇق يۆتىلىشكە باشلىغان ۋە 26-مارت كۈنى ئىستانبۇل باقىركۆيدىكى دۆلەت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىشقا باشلىغان ئىكەن. 4 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان غوجا ئابدۇللا ئەپەندى ئەمدىلا 55 ياشقا كىرگەن بولۇپ، توپ سېتىش بازىرىدىن كۆكتات ئېلىپ-سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. غوجا ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ قاتتىق يۆتىلىش ۋە توڭۇش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنىڭدىن 1 ئاي بۇرۇن بۇ ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ھەپتىگىچە دوختۇرخانىغا بارمىغانلىقىنى، دورا يەپ ئىشقا بېرىۋەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، غوجا ئابدۇللا ئەپەندى بۇندىن 15 كۈن بۇرۇن ئىستانبۇلدىكى باكىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىغا بارغان بولسىمۇ، 3 كۈنگىچە ئۇنىڭ ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلمىگەن. ئۇ، ئېغىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرلار ئۇنى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى بىمارى دەپ داۋالاشقا باشلىغان.

ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندى، باجىسى غوجا ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئايالى مەغپىرەت خانىم بىلەن ئۇلارنىڭ 4 بالىسىنىڭمۇ يۇقۇملانغانلىقىنى بايان قىلغان.

غوجا ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئايالى مەغپىرەت خانىم ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار كۆپ بولغاچقا دوختۇرخانىدا يەر تېپىلماي ئۆيىدە كارانتىن ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنى يەپ يېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
غوجا ئابدۇللا ئەپەندى ئىستانبۇل باكىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىدا 11 كۈن داۋالانغاندىن كېيىن، 6-ئاپرېل كېچىسى كېسىلى ئېغىرلىشىپ، دوختۇرخانا ئۇنى ئىستانبۇل مالتەپە مېدىكال پارك دوختۇرخانىسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكىگەن. داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 9-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابلىكىم قاراقاش ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
تۈركىيە مەكتەپلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىي، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى بىردەك تاقىدى. 2020-يىلى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق يىغىنلارنى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇردى. ئارقىدىنلا 65 ياشتىن يۇقىرىلار بىلەن 20 ياشتىن كىچىك بولغانلارنىڭ كوچىغا چىقىشىنىمۇ چەكلىدى. تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى908، كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 42 مىڭ 282گە يەتكەن. غوجا ئابدۇللا ئەپەندى دۇنيادا ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ، ئىستانبۇلدا يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 ئەتراپىدا ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى