خىتاينىڭ 9- ئاپرىل « شىنجاڭ گېزىتى » تورىدا ئېلان قىلىشىچە، 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەنشېن 1 – قۇدۇقىنى ئۆلچەپ سىناق قىلىش نەق مەيدانىدا نېفىت – گاز ئېتىلىپ چىققان. مەنشېن 1 – قۇدۇقىدا ئون مىللىمېتىرلىق ماي پۈركۈگۈچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۈنىگە 624 كۇب مېتىر خام نېفىت، 371 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىنغان.خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ، تارىم نېفىتلىكىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت – گازنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن − بىر يېڭى نېفىت – گاز ئىستراتېگىيەلىك ئىز باسما رايونى ئېچىلىپ، نېفىت – گاز بايلىقى مىقدارىنىڭ يېڭىدىن 228 مىليون توننا كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مەنشېن 1 – قۇدۇقى شايار ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، تارىم نېفىتلىكى تارىم دەرياسى جەنۇبىي قىرغىقى چارلاش يېڭى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان بىر نۇقتىلىق تەكشۈرۈش قۇدۇقى بولۇپ، ئۇ شىمالىي تارىم بىلەن ئوتتۇرا تارىمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رايون ئارىسىغا جايلاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، تارىم ئويمانلىقىدىكى كاربوناتلىق جىنس قاتلىمىدا نېفىت – گاز زاپىسى مول بولۇپ، ئويمانلىقتىكى نېفىت – گاز بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %38ىنى ئىگىلەيدىكەن، نېفىت – گاز مەھسۇلات مىقدارى 2019 – يىلى 3 مىليون 750 مىڭ توننىغا يېتىپ، شىمالىي تارىم – ئوتتۇرا تارىم رايونى نېفىت – گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %50ىنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاينىڭ پىلانىغا ئاساسەن، 2020 – يىلى، تارىم نېفىتلىكىدە 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك – گازلىق قۇرۇپ چىقىلىدىكەن. «14 – بەش يىل» مەزگىلىدە نېفىت – گاز مەھسۇلات مىقدارى مۇددەتتىن بۇرۇن 35 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇلىدىكەن ۋە 2030 – يىلىدىن بۇرۇن نېفىت – گاز مەھسۇلات مىقدارى 40 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر ۋە خەلقئارادىكى مۇستەقىل ئانالىزچىلار «شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېسابسىز يەر ئاستى بايلىقى ئۇيغۇرلارنى ھېچقانچە باي قىلغىنى يوق. ئەكسىچە بۇ بايلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بوينىغا تېخىمۇ ئېغىر سىرتماقلارنى سېلىشقا سەۋەب بولماقتا،» دەپ قارىماقتا.
مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»