خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىىشى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، بىر قانچە خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ ، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا پارلامېنتى، ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئادىداس قاتارلىق 83 خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مەجبۇرىي ئەمگەگچىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەمما بۇ شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا مەجبۇرىي ئەمگەگچىلەرنى ئىشلەتكەن دەپ ، بەرگەن دوكلاتقا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ تەدبىر ئېلىشقا تىرشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادىداسنىڭ باياناتچىسى رىچ ئېفرۇس ( Rich Efrus) مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەيىبلەش 2019-يىلى ئەتىيازدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، بىز دەرھال تەمىنلىگۈچىلەرگە شەرقىي تۈركىستان رايونىدىن ھېچقانداق تاۋار ئىشلەپ چىقارماسلىقنى بۇيرۇدۇق».
ئىستراتېگىيىلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى (CSIS) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ% 84 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەر خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەركىزى بولۇپ، بۇ يەر شارى ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن% 22 ىنى تەمىنلەيدۇ.
شىۋىتسىيە دۆلەت ھالقىغان كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى Hennes & Mauritz AB ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن «قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى ، ئۇلارنىڭ بۇ رايوننى ئاساس قىلغان كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن .
بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىكا ئىساكسون ( Ulrika Isaksson ) مۇنداق دېگەن: «بىز خىتايدىكى بارلىق كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق ۋە بۇندىن كېيىن ئىشچىلارنى ئىشلىتىش پىروگراممىسىغان ئۇيغۇن كەلمىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشچىلارنى ئىشلەتمەيمىز.»
ئامېرىكا دالا كۆڭۈل ئېچىش مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ باياناتچىسى موللى كۇفې( Molly Cuffe )ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى «زامانىۋى قۇللۇق» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەنبە: www.voanews.com