AHEF | AHEF CORONA VİRÜS KAMUOYU DUYURUSU

25-مارت كۈنى، نەفىسە ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر قىز فەيسىبوك ھېسابىدا، ئۆزىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغانلىقى ۋە يۇقۇملىنىش جەريانى ھەمدە كېسەل بىلەن ئېلىشىش جەريانلىرىنى يېزىپ ئورتاقلاشقان.
نەفىسە ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ سۇئاللىرىغا  خەت بىلەن جاۋاب قايتۇرغان بولۇپ،  نەفىسە ئۆزىنىڭ يولۇققان كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ مۇنۇلارنى دېگەن:

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار، مېنىڭ ئىسمىم نەفىسە، لوندوندا ياشايمەن، بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم، ئۈچ بالام بار، كىچىكى ئەمدىلا بىر ياشتا، چوڭ ئىككىسى قوشكېزەك، ئۇلار بەش ياشقا كىردى.

مەن 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەنى ئاياللار بايرىمى كۈنى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن  ۋىرۇس يۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ سىرتقا چىقمىغان ئىدىم. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، پۈتۈن بەدىنىم، بېشىم قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى ھەم ئازراق قىزىتما بىلەن شۇنداق تىترەپ ئورنۇمدىن قوپۇپتىمەن. خۇددى بىزدە « قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ قېلىپتۇ›» دەيدىغان گەپ بولغىنىدەك ھالەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلاپ ساقسىز بولۇپ قالدىم ھەم ئۆزۈمنى ئىسسىق تۇتۇپ، پەسىل ئالماشقاندۇ دەپ جىق ئەنسىرەپ كەتمىدىم. ئەمما بۇ ئاغرىق كۈندىن-كۈنگە ئەدەپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىم چىدىغۇسىز ھالەتتە ئاغرىشقا باشلىدى. يەنى بىر خىل تېرىسىنى سويغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىيتتى. بۇ ئاغرىق ئازابىنى قانداق تەسۋىرلىسەم بولار؟

مەن تۇغۇپ باققان ئايال. ھەتتا تۇغۇتتىكى تولغاق ۋە تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىقمۇ بۇنچە ئازابلىق بىلىنمىگەن. دەسلەپ ئۆزۈمنى ئىسسىقتىن كېزىك بولغان ئوخشايمەن دەپ،  بەك سوغۇقلۇق قىلدىم. كۈندە سەھەردە ناشتىغا لىمون سۈيىنى بولدى دېگۈچە سىقىپ قايناقسۇ ئىچتىم.  مايمۇن شاپتۇلىنىڭ سۈيىنى سىقىپ كۈندە ئىچتىم. يۇمغاقسۈت، يالپۇز، تاۋۇز دېگەندەكلەرنى، يەنى نېمە سوغۇقلۇق بولسا شۇ نەرسىلەرنى كۆپ يېدىم. ئۈچ كۈنلەردە ياخشى بولغاندەك قىلدىم، ئەمما بىر قورۇغان تاماق يېگىنىمنى بىلىمەن ئەتىسىدىن باشلاپ دەس تۇرالمىدىم، ئاغرىق قايتىدىن قوزغىلىپ يېتىپلا قالدىم.

بۇنىڭ بىلەن مېنى راستلا ئىسسىق تۇتۇپ كەتكەن چېغى دەپ سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم. چاتاق يېرى دەل شۇ ئەسنادا يولدىشىممۇ تەڭلا ئاغرىپ قالدى.

ئالامىتى مەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىرلا پەرقى مەن تەرلىمەيتتىم، يولدىشىم ئادەتتىن تاشقىرى تەرلەپ قوپمايلا ياتاتتى.  ئەمما ھەر ئىككىمىزدىكى بۇ ئاغرىققا چىدىغىلى بولمايتتى. كۈندە ھەر تۆت سائەتتە بىر پاراسېتامول يەنى ئاغرىق توختىتىش دورىسى يەپ يۈردۇق.  دورا ئىككى -ئۈچ سائەتلەرگىچىلا ئۈنۈم بىرەتتى. ئاغرىق ئازابىدا بەزىدە « مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ، باللىرىم قانداق قىلار، ئۆلۈكۈم مۇشۇ يەردە قالارمۇ؟»  دېگەندەك قورقۇنۇچلۇق خىياللارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈردۈم. ۋەتەندىكى ئاتا-ئانامنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ئويلاپ تېخىمۇ يىغا باساتتى.

« ئالاقىلەشمىگىلى ئۈچ يىل بولاي دېگەن ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم ئۆلگىنىمنىمۇ بىلمەي قالارمۇ؟» دەپ يۈرىكىمدىن يىغلاۋاتقاندەك،  ئەمما ياش چىققۇدەك، ئاۋاز چىقارغۇدەك بىر كۈچ يوق ياتىمەن.

بالىلارغا يۇقۇملانغان كۈنۈم ئەكىرىۋالغان تەييار تاماقلارنى بېرىپ، ئەر-ئايال ئىككىمىز شۇ مېۋە-چېۋە يەپ 10 كۈننى ئۆتكۈزۈپتىمىز. ھالبۇكى گالدىن بىر نەرسە ئۆتۈپ بولغۇچە كۆڭۈل ئېلىشىپ، باش قېيىپ ئاران قالاتتۇق. شۇنچە ئاغرىپمۇ بۇلار نېمىشقا دوختۇرغا بارمىغاندۇ دەپ ئەجەبلەنگەنسىز؟

دوختۇرخانىغا بارايلى دېسەك، ھەممە دوختۇرخانىلارنى ۋىرۇس يۇقۇمدىن ئاغرىغانلار قاپلىغان بولغاچقا « ۋىرۇس يۇقۇپ قالارمۇ؟ »دەپ،  قورقۇپ تېخى بارالمايمىز،  ئەڭ ئېغىر كەلگىنى، بىز ئاغرىپ بىر ھەپتىلەر بولغاندا كىچىك بالام قىزىپ كەتتى، ئۇ بىچارە توختىماي يىغلايتتى.  ئۇنىمۇ ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى بېرىپ يىغىدىن توختىتىپ، قىزىتمىسىنى قايتۇرۇپ يۈردۇق.

مېنى كۆرگىلى كىرگەن بىر خىزمەتدىشىممۇ، مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ ئەتىسىدىن باشلاپ قىزىپ بەدەنلىرىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقىنىنى ئېيتتى. شۇ چاغدا ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم، ئەمما مەندە ياكى يولدىشىمدا ياكى بالامدا يۆتەل بولمىغاچ ھەم نەپەسلىنىش نورمال بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ كېسەلنىڭ بىزگە يۇقىدىغىنىغا ئىشەنمىگەندەك، يەنىلا«  مەن ئەمەس»  دەپ يۈردۈم. ئەمما يۇقۇم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قويماي ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى فەيسىبوكتا بىرىنىڭ چىقارغان « كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم تەم پۇراق سەزگۈسىنى يوقىتىدىكەن» دېگەن بىر خەۋەرنى كۆردۈم. ئارقىدىن يەنە « يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ ئىچى سۈرىدىكەن»  دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالدىم.  شۇندىلا ئۆزۈمدە دەل شۇنداق  ئالامەتلەر بولغاچقا شۇ زامان « ھە، مەن يۇقۇملانغان ئوخشايمەن» دەپ ئويلىدىم. لېكىن مېنى يەنە ئىككىلەندۈرگىنى يولدىشىم بىلەن بالامدا ئۇنداق ئالامەتمۇ يوق ئىدى.

ئاخىرى 24-چېسلا، يەنى ئاغرىپ دەل 14 كۈن بولغاندا ئائىلە بويىچە دوختۇرخانىغا باردۇق.  ھەممىمىزنى تەكشۈردى. دەرۋەقە يولدىشىم، مەن ھەم كىچىك بالام يۇقۇملىنىپتۇق. دېمەك بۇ كېسەلنىڭ بەدەندە ئىپادىلىنىشى ئوخشاش ئەمەسكەن، ھەممىسى چوقۇم يۆتىلىشى شەرت ئەمەسكەن. بىراق بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ياخشى بولغاچ، يەنى ساقىيىپ بولغان بولغاچقا دوختۇرلار داۋالاش ئېلىپ بارمىدى، دورىمۇ بەرمىدى.  ئۆيگە قايتىپ تۇرۇشىمىزنى، ئەگەر يۆتىلىپ نەپەستە قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ئۇلارغا تېلېفون قىلىشىمىزنى، ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقىمىزنى ئېيتتى.

بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتۈپ ھازىر مەن، يولدىشىم ۋە بالاممۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدۇق. بەش ياشتىكى قوش كېزەك باللىرىمىزغا يۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ قاتتىق دىققەت قىلدۇق. تاماق، ياتاق ھەممىنى ئايرىپ، دېزىنفېكسىيە ۋە باشقا ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلا تەدبىرلەرنىڭ ھەممىنى قوللىنىۋاتىمىز. ھازىر بىز ياشاۋاتقان رايوندىمۇ ئۆيدىن چىقىش پۈتۈنلەي چەكلەندى.

ئەمما پسىخىكا جەھەتتىن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەتتا نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ماسكىلارنى تاقاپ تۇرۇقلۇقمۇ ئىشىكتىن ئاتلاشتىن قورقىمەن، پۇت-قولۇم تىترەپ كېتىدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىدىن يېنىپ كەلگەندىن بېرى سىرتقا چىقىپمۇ باقمىدىم.

مېنى ئەندىشىلەندۈرگىنى، مەندىن يۇققان خىزمەتدىشىمنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.  خىزمەتدىشىم ھازىرغىچە دوختۇرخانىدا ئەھۋالى بەكمۇ ياخشى ئەمەس. مەن باشتىن باشلاپ ۋىرۇس ئىكەنلىكىمنى بىلمىگەچ، « ماڭا ۋىرۇس يۇقتى» دېگەن بىر قورقۇنچ بولمىغاچ ئۆزۈم بىلمەيلا ساقىيىپ كەتتىمۇ،  دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئازابلىنىدىغىنىم ۋە ئەپسۇسلىنىدىغىنىم- بالدۇر بىلمەي، ئالدىنى ئالماي خىزمەتدىشىمغا يۇقتۇرۇپ قويغىنىم.

ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي تەۋسىيەم!

توغرا،  مەن خىتايدىن تارقالغان بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدىم، ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي ئېلىشتىم ۋە ئۇنى يەڭدىم. لېكىن مەندە يۆتەل بولمىغاچ، نەپەس ياخشى بولغاچ ئۆزۈمنى يۇقۇملانمىدىم دەپ ، دىئاگنوز قۇيۇپ، يولدىشىمغا ، بالامغا، خىزمەتدىشىمغا يۇقتۇردۇم.  يولدىشىم بىلەن بالامغۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ساقىيىپ كەتتى. خۇداغا شۈكرى، ساقايمىغان بولسا قانداق قىلاتتىم؟! خىزمەتدىشىمغا بىر ئىش بولۇپ قالارمۇ، دەپ يۈرىكىم ھازىرمۇ ئەندىشىدە.  ئۇنى بالدۇرراق ياخشى بولۇپ كەتسىكەن دەپ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا ئولتۇرىمەن. شۇڭا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ بولسىمۇ جېنى ئامان قالسۇن ۋە بىلمەي يۇقتۇرۇۋالغان بولسا ماڭا ئوخشاش ۋاقتىدا بىلمەي ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغىمۇ يۇقتۇرمىسۇن، دەپ ئەھۋالىمنى ئورتاقلاشتىم. قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىدە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەر قاندىقىنى ئۆزىدە بولسىلا سەل قارىماي تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئېلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىمىزگە ساغلاملىق، ئامانلىق يار بولسۇن.

ئېھتىرام بىلەن:

ۋابا ھەر قانچە قورقۇنۇچلۇق بولسىمۇ، ئىنسانلىق مېھىر – مۇھەببىتىمىز ھامان ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كېلىدۇ دەپ، ئىشەنگۈچى قېرىندىشىڭلار: نەفىسە ئۇيغۇر

2-ئاپرېل، لوندون

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى