Lise sınavına hazırlanan ortaokul 9. Sınıf öğrencileri ise 7 Nisan’da ders başı yapacaklar.

ۋۇخەن كورۇنا ۋىرۇسى ۋۇخەندىكى بېلىق بازىرىدىن باشلىنىپ، ۋۇخەن شەھىرى 23-يانۋار كارانتىن قىلىنغان. تۆت كۈندىن كېيىن ، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ ، يۇقۇمنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتايدىكى باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتلاردا  2-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئوقۇش توختىتىلغان. بارلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە ئۆتۈپ،  تور مائارىپ سۇپىسى ۋە تېلېۋىزىيەنى ئاساس قىلغان دەرسلىك پىروگراممىسى قوللىنىلغان.

مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن ، 9-مارت  خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى چىڭخەي ئۆلكىسىدە دەرس باشلاشنى قارار قىلغان.  بۇ رايوندا تەخمىنەن 144 ئوتتۇرا مەكتەپ  ئوقۇش باشلىغان.

16-مارت خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گۈيجۇ ئۆلكىسىدە ۋە غەربىي شىمالدىكى شەرقىي تۈركىستان رايونىدا، 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى دەرس باشلىغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلار ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان خىتايدا رەسمىي مائارىپقا رۇخسەت قىلغان تۇنجى رايۇن سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان.

3-ئاينىڭ 23-كۈنىگە قەدەر ، تۇلۇقسىز  ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىق  ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە قايتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ،شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىي مائارىپقا ئۆتۈپ ، نورمال دەرس باشلىشى بەلگىلەنگەن. رايوندىكى 5 مىڭدىن ئارتۇق باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تەخمىنەن 4 مىليون باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نورمال ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ قارار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خىتايدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە قايتىپ كېلىشىگە يول قويغان شۇنداقلا ئىجرا قىلىنغان تۇنجى رايون بولۇپ قالغان.

يېقىندا ، ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونى ۋە شەنشى ئۆلكىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى 7-ئاپرېل دەرسنى باشلايدۇ.

بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئىككىنچى قېتىم تارقىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، رەسمىي ئوقۇشنى كېچىكتۈرۈپ،  يىراق مۇساپىلىك مائارىپتىن ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى  داۋاملاشتۇرغان.

گەرچە 10 نەچچە رايون تور مائارىپىدىن رەسمىي مائارىپقا ئۆتۈشنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما يېرىمدىن كۆپرەك رايون رەسمىي مائارىپنى قايتا باشلاش ۋاقتىنى بېكىتىشنى خالىمىغان.

 

مەنبە: يېڭى شەپەق ( Yenı Şafak ) تورى