مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، ئۇلارنىڭ «زامانىۋىي قۇل» قاتارىدا زاۋۇتلارغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى «2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور پاجىئەلەرنىڭ بىرى» دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالغا تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم.
«خىتايدىكى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش» سەرلەۋھەلىك ھۆججەتلىك فىلىم 7-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان PBS قانىلىدا قويۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئەنگلىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىدىن ITV تېلېۋىزىيەسىدە «خىتاينىڭ رەقەملىك گۇلاگىدا» دېگەن نامدا 2019-يىلى 15-ئاپرېل كۈنى قويۇلغان ئىدى.
بۇ قېتىم قويۇلغان ھۆججەتلىك فىلىمدا ئاساسلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق پۇقرالىرىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقى، بۇ يۇقىرى تېخنىكانىڭ تەجرىبەخانىسىغا ئايلاندۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋە لابوراتورىيەلەردە «تەجرىبە چاشقىنى» ئورنىدا تەجرىبە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئېچىپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئالاقە ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى لۇئىسا خانىم بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ فىلىمدىكى مەزمۇنلار راستىنىلا كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت رايونى قۇرۇپ چىققان ۋە تېخنىكا ئىنژېنېرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى قىمىرلىيالماس قىلىپ قويغان. يەنە بىر كىشىنى چۆچۈتىدىغان سەھنە بولسا خىتاي ساقچىسى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھالدا ‹بۇ يەردە ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يوق، چۈنكى ئۇيغۇرلاردا كىشىلىك ھوقۇق يوق، › دەۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە مەن مۇشۇ مۇئامىلىگە ئۇچرىغان كىشىلەر كەلگۈسىدە چوقۇم تۆلەمگە ئېرىشىشى كېرەك دەپ قارايمىز.»
خىتايدىكى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرى دېگەندە كىشىلەرنىڭ ئېسىگە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر كېلىدۇ. لېكىن شەرقىي تۈركىستااندا ا 1400 دىن ئارتۇق يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار شىركىتى بار ئىكەن. بۇ فىلىم رېژىسسورى روبىننىڭ دىققىتىنى تارتقان. روبىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستاان دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بىر رايون. خىتاي شىركەتلىرى ئۈرۈمچىنى تېخنولوگىيەنىڭ مەركىزى قىلغان. بىز نېمىشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېخنولوگىيەنىڭ مەركىزى قىلىنغانلىقىغا قىزىقىپ قالدۇق. بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك سۈنئىي ئەقىل بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.»
شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فىلىم گۇرۇپپىسى لى فامىلىلىك خىتاي مۇخبىرنىشەرقىي تۈركىستاندىكى لىئون، خۇاۋېي قاتارلىق خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق ئالاقە مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. مۇخبىر لى لىئون شىركىتى بىلەن ئۇلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكالىرىنى سېتىۋالىدىغان سودىگەر سۈپىتىدە كۆرۈشكەندە، لىئون شىركىتىنىڭ تېخىنىكاغا مەسئۇل خادىمى: «بۇ مەھسۇلاتلار شىنجاڭدا سىناق قىلىنغان، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك،» دەپ تونۇشتۇرغان.
فىلىمدا سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدە ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەن بىر ئۇيغۇر خىتاينىڭ بۇ يۇقىرى تېخنولوگىيىسىنى ئۇيغۇرلارغا قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «تېخنىكا شىركەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە سىناق قىلىدۇ، كونتروللۇق دەرىجىسىدە كەمچىلىك بولسا تولۇقلاپ، بازارغا سالىدۇ. ئۇيغۇرلار تەجرىبەخانىدىكى چاشقانغا ئوخشايدۇ، يېڭى ئۈسكۈنىلەر باشتا ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلىنىدۇ،» دېگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى