ئۆتكەن ھەپتە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغان . ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىنىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، يۇرتى خوتەن قاراقاشتىن بولغان نۇرمەمەت 2009 -يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن.
مۇخبىرلار نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا تېلېفون قىلغان. ئالاقىدار بىر خادىم بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ كۆپلۈكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىن مەلۇمات ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
ۋەزىيەتتە خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن 2011-يىلىدىن 2015-يىللىرى ئارىسىدا شاڭخەي خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. كومپيۇتېر مەلۇماتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان نۇرمەمەت ئۆمەر نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدىكى تۆھپىسى بىلەنمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇ يۈزدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھەلىگەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك 2006-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ بىر خادىمى نۇرمەمەت ئۆمەرنىڭ خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئۇ نۇرمەمەتنىڭ قاچاندىن بېرى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.
ئۆزىنىڭ نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ھېرىسمەن بىر ئوقۇرمەنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار مەزكۇر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرمەمەت «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر!»، «روھىيەت قاتلاملىرىنى ۋاراقلاپ»، «ئەرلەرگە 101 تەكلىپ» دېگەن ناملاردىكى ماقالە توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى ئىكەن.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان. زىيارەت جەريانىدا مەزكۇر خادىم بۇ ھەقتە پەقەت مەكتەپ كادىرلار بۆلۈمىنىڭ تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن 2018-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ غايىب بولغان. ئۇنىۋېرسىتېت كادىرلار بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئۇ نۇرمەمەتنىڭ ئېنىق نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى نۇرمەمەتنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا تەكلىپلىك مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئاتالمىش «جىنايەت» بولۇپ ئارتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى