خىتاي مەكىتتە 35 مىڭ ئۇيغۇرنى كۆچەت تىكىشكە مەجبۇرلىماقتا | شەرقىي ...

يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە رايون مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋاملىق تۈردە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرشەرقىي تۈركىستاندا كۆچەت تىكىش مەۋسۇمى باشلانغان بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى «كۆچەت تىكىش» نامىدىكى ھاشار ئەمگىكىگە سېلىنماقتىكەن. بۇ خەۋەردە «ئاقسۇ كوڭتەيلىك رايونىدىكى مىليون مولۇق قاقاسلىقنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ۋىلايەت، شەھەردىكى 10 مىڭدىن كۆپرەك كادىر، ئاممىنىڭ گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈپ قاقاسلىققا كېلىپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلغانلىقى» بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئاقسۇ كوڭتەيلىك رايونىدىكى مىليون مولۇق قاقاسلىقنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا پىلانلانغان ئومۇمىي كۆلەم 1 مىليون 47 مىڭ 100 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي بەرپا قىلىنىدىغان ئورمان كۆلىمى 357 مىڭ مو كېلىدۇ. قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان ۋىلايەت، شەھەردىكى كادىر، ئامما ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە قۇرۇلۇش رايونىغا كېلىپ چوڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قانات يايدۇردى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ھاشار ئەمگىكىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ناملاردا ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يېزا ئاھالىسىنىڭ يول قۇرۇلۇشى، ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ ئاياللاردىن تەشكىل تاپقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بىر بولسا لاگېرلارغا، بىر بولسا زاۋۇتلارغا ئەپ كېتىلگەنلىكتىن ھاشار ئەمگىكىنىڭ ئاساسەن ئاياللارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى